ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىق ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرىمىز

日期:2022年10月31日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل تۇرغۇن ئۆمەر:

ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىق ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ يۈەنيۈەن

«10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن ئۆگىنىش خاتىرىسى رەتلەش، لېكسىيە تېزىسى يېزىش، لېكسىيە سۆزلەش پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولدۇم.» 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، خوتەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ جېڭۋېيسى، ۋەكىل تۇرغۇن ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرىلەيمەن.

تۇرغۇن ئۆمەر مۇنداق دېدى: 20 ـ قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق سارىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، نەق مەيداندىكى ھەربىر قېتىملىق ئالقىش ساداسى روھىمنى ئۇرغۇتتى، مېنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى. 20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىدا كەلگۈسى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق كەلگۈسى سۈرەتلەپ بېرىلدى، مەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

«بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ. تەستە قولغا كەلگەن بۇ نەتىجىلەرنى ياخشى قوغداش بىزنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىمىز!» بۇ بىرنەچچە كۈندە، تۇرغۇن ئۆمەر ھەمىشە تور ۋە تور سىرتىدا سەپداشلىرىغا يىغىنغا قاتناشقان چاغدىكى ھېسسىياتىنى ھەمبەھرىلىدى.

20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: دۆلەت خەۋپسىزلىكى − مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى − دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، دەپ كۆرسىتىلدى. تۇرغۇن ئۆمەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جەمئىيىتىدە پاراكەندىچىلىكتىن تىنچلىققا ئۆتۈشتەك تارىخىي ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشتى، ساقچى بولغىنىغا 35 يىل بولغان تۇرغۇن ئۆمەر پۈتكۈل جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ، قانلىق كۈرەش سىنىقى داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولدى. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: «بۇرچقا سادىق بولۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ خەلقنى خاتىرجەم قىلىش» ھەم كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ۋە خەلق ساقچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھەم كىشىلىك ھايات ئېتىقادى.

«خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى پارتىيە يېتىشتۈرگەن بىر سادىق قوشۇن، جەزمەن پارتىيەگە سادىق بولغاندا، ئاندىن بۇرچنى ئادا قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقىنى ساقلاپ، ئۆز جايىدىكى پۇقرالارنى قوغدىيالايدۇ» دېدى تۇرغۇن ئۆمەر خىزمەتداشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى دائىملىق ئالغا سىلجىتىپ، تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى زور كۈچ بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

«بۇ خىل چىڭ تۇرۇش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش دەل بىزنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى، بىز ئىلگىرىكىدەكلا ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ تىنچ ـ ئامانلىق ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرىمىز» دېدى تۇرغۇن ئۆمەر.

قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، بىز ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ياش خەلق ساقچىلىرىنىڭ بۇ سوئالىغا تۇرغۇن ئۆمەر مۇنداق جاۋاب بەردى: بىز ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىش ئىدىيەسىنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، قانۇن ساپايىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەمىز ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەربىر دېلونى بېجىرىش، ھەربىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

«ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، بۇرغا چېلىندى.» تۇرغۇن ئۆمەر مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئابىدە، تېخىمۇ مۇھىمى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. بىز، ھەربىر پارتىيە ۋەكىلى، ھەممىمىز 20 ـ قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزگۈچىلەر، 20 ـ قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، تىنچ ـ ئامانلىق، مۇقىملىقنى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.