پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرى ۋە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىتىلدى

日期:2022年10月31日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرى ۋە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقلىرى بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ ماس قەدەمدە تارقىتىلدى.

خەلق نەشرىياتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقلىرى نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى بىرلىكتە قۇرۇلتاي ھۆججىتى ھەم ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقىدىن ئالتە خىلنى نەشر قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق، توغرا بولغان ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئايرىپ باسقان پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتى كىتابچىسى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى» كىتابچىسى ۋە «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتى كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى»، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقلىرى نەشرىياتى بىلەن ئۆگىنىش نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلغان «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسىدىن 100 سوئال» شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلدى.

«بىز نۇقتىدىن نۇقتىغا تارقىتىش شەكلىنى قوللىنىپ، ھۆججەت ۋە ئوقۇشلۇقلارنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا يەتكۈزدۇق، ھەرقايسى جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تارقىتىش، زاكاز قوبۇل قىلىش، سېتىش قاتارلىق مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرى ۋە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقلىرىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ» دېدى شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ماركېتىڭ مەركىزىنىڭ دىرېكتورى سۇڭ خۇڭمېي.

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق بازىسى) پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر لى سۇيلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، نەشرىياتىمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق، توغرا بولغان ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەشنى نەشر قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، بالدۇر پىلانلاپ، بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرى ۋە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقلىرىنى نەشر قىلىپ تارقىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

«بۇ بىرنەچچە كۈندە، كىتاب شەھەرچىمىز نۇرغۇن ئورۇن، تەشكىلات، كوللېكتىپلارنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرى ۋە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقلىرى توغرىسىدىكى مەسلىھەت سوراش، زاكاز قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى.» شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن بو مۇنداق بىلدۈردى: يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تارقىتىش يوللىرىنى ئېچىپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرى ۋە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقلىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز.