ئاپتونوم رايونىمىزدىن بىر كوللېكتىپ، ئىككى شەخس، بىر پارچە دوكلات مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى

日期:2022年10月31日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 2022 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە تەشۋىقات خىزمىتىگە قارىتا تەقدىرلەش ئېلىپ بارغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە تەشۋىقات كوللېكتىپى، ئىككى شەخس، بىر پارچە نەزەرىيە لېكسىيە دوكلاتى تەقدىرلەنگەن.

قاراماي شەھەرلىك ئەتىرگۈل لېكسىيە ئۆمىكى مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە تەشۋىقاتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى «بەيشىڭ» مىكرو لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى راھىلە ناسىر، شىنجاڭ خۇاديەن قەشقەر ئىسسىقلىق ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دۆڭئېرىق كەنتى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەركىن مەمەت مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە تەشۋىقاتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاڭ يىمىن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ كادىرى جاڭ شياۋيەن بەرگەن «تارباغاتايدىكى <ئانار مۇھەببىتى>» ناملىق لېكسىيە دوكلاتى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر نەزەرىيە لېكسىيە دوكلاتى بولۇپ باھالاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ لېكتورلار ئۆمەكلىرى ۋە كەڭ نەزەرىيە تەشۋىقاتى خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيەسىنىڭ «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە كىرىشى»گە تۈرتكە بولۇش بۇرچ ـ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، قاراش ـ ئىدىيە، ئۇسۇل ـ ۋاسىتە، سۇپا ۋاسىتىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ، شەكلى كۆپ خىل، مول خاسلىققا ئىگە، تەسىرى كەڭ بولغان بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. بۇ يىل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملىدى.