سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك

日期:2022年10月30日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، كۆپ خىل شەكىللىك، قاتلاملار بويىچە، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كەڭ دائىرىدە ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەممە كىشىنىڭ خەۋەردار بولۇشىغا، كاللىغا، قەلبكە سىڭىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كونكرېت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە پۇختا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىنچىكە، پۇختا، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان نازارەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى جىپسىلاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن - تۈزۈم «چىشى»نى ھەقىقىي جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.