تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاش كېرەك

日期:2022年10月30日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون بويىچە تەشۋىقات - ئىدىيە، مەدەنىيەت - مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى

تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە تەشۋىقات - ئىدىيە، مەدەنىيەت - مائارىپ سىستېمىسى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سىنلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، تەشۋىق قىلىندى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى پارتىيە ئىرادىسى، خەلق ئىرادىسى، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەشۋىقات - ئىدىيە، مەدەنىيەت - مائارىپ سىستېمىسى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پەن - مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، دىپلوماتىيە خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. تاراتقۇلارنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلامدىن، كۆپ نۇقتىدىن تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشقا تەشكىللەپ، پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشى ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشىنى ياخشى تۇتۇپ، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.