​باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پىلانلاپ ۋە ئىشلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمەن

日期:2022年10月29日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل جاۋ ۋېنچۈەن:​

باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پىلانلاپ ۋە ئىشلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ

«كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ياخشى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم قارامايدا رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن پىلانلاپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ قارامايدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

قاراماي شەھىرى رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش بىلەن تولۇق قاپلاش، تەشۋىقات - لېكسىيەدىن ھەممە كىشىنى خەۋەردار قىلىش قاتارلىقلار بويىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.» جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىسى، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ سادىق ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكىر يولىنى ياخشى پىلانلاش ئۈستىدە توختالغاندا، جاۋ ۋېنچۈەن ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ مۇنداق دېدى: مەۋقەنى قاراماي شەھىرىنىڭ بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرگە سېلىشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن ئورنىنى تېپىش، پۇرسەت ئىزدەش، تەرەققىياتنى كۆزلەش كېرەك.

ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى پىلانلاشتىكى مەقسەت پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. «مۇھىمى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېتلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتلەشتۈرۈپ، تۈرلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇش، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.» جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كونكرېت ئەمەلىي خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پىكىر يولىنى خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇشىمىز، نىشاننى رېئال ئۇسۇلغا ئايلاندۇرۇشىمىز، ۋەزىپىنى كونكرېت تۈرگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

«يەنە جەزمەن نۆۋەتتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.» جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىللە، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش»تىن ئىبارەت مۇھىم تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، كۈچەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشىمىز، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىمىز كېرەك.