جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشىمىز

日期:2022年10月29日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى ​−

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بەس - بەستە يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالتاي ۋىلايىتى:

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئالتاي كۈچىنى قوشىمىز

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىم نۇقتا، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش؛ پۈتۈن كۈچ بىلەن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش؛ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا زىچ تايىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئالتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالتاي كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى:

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىشنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەپ، يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كونكرېت تەدبىر، كونكرېت تۇتقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاقسۇ ۋىلايىتى:

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىمىز

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش»تىن ئىبارەت مۇھىم تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى يېڭىپ، ھازىرقى خىزمەت سىستېمىسى ۋە تۈزۈم مېخانىزمىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، خۇلاسىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇسۇل ۋە يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يىل بېشىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى:

سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىسى، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ سادىق ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، نەتىجە ھاسىل قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، زىددىيەتنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى:

يېڭى دەۋردىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا تېزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. تۇرالغۇ كاپالىتى، شەھەرنى يېڭىلاش، بىناكارلىق ساھەسىدە پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، ساھەلەردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئورتاق بېيىش قاتارلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. دىققەتنى «ئۈچ قۇرۇلۇش، ئۈچ ساھە»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ ۋە قوزغىتىپ، جەمئىيەت (ئىلمىي جەمئىيەت)، باشلامچى كارخانا، ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى:

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەدەنىيەت - ساياھەت كۈچىنى قوشىمىز

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى ۋە شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «روھنى مۇجەسسەملەش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە ئاكتىپلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت كەسپى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگو ھېكايىسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى سۆزلەش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەدەنىيەت - ساياھەت كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى:

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە قويۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەبىئىي ئاپەت ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ياخشى، بىخەتەر تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل يارىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى:

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

10 - ئاينڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق دىپلوماتىيەسىنىڭ خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، دىپلوماتىيەدە خەلقنى كۆزلەش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پۇختىلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ياخشى «تەشۋىقاتچىسى»، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنىڭ ياخشى «باشلامچىسى»، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ياخشى «ئەمەلىي ئىشلىگۈچىسى» بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

(مۇخبىر ۋاڭ نا، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، سۇڭ ياۋېن، ۋاڭ يايۈن، ياۋ گاڭ، ياڭ شۇخەن، مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جىڭ)