ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ! بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىدۇ

日期:2022年10月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئالتاي تېغىنىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلار، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 10 بال بوران چىقىدىكەن، تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، شەھەردىكى نۇرغۇن دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى خازان بولۇپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 7 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ.

كەلگۈسى ئىككى كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمىدا ھۆل-يىغىن كۆپ ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىغان ھاۋارايى كۆرۈنەرلىك كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، قاتناش، سەپەرگە چىقىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىغان ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن داۋانچىڭغىچە بولغان بۆلىكى، پىچاندىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن ئاغۇغىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسى، G3016 لىنىيەسى، G7 لىنىيەسىنىڭ فۇكاڭدىن مورىغىچە بولغان بۆلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە، G30، G312 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن سەنتەيگىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ مۇستىن ناراتقىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ چۆچەكتىن تيېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن قوشتولغايغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ.