«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2022年10月28日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كادىرلار يىغىنى ئېچىلدى

«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كادىرلار يىغىنى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جىڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجىغا زىچ ئەگىشىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك پىلانلانغان، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، بۇ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان مەنىۋى بايراق، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن چوڭ ئەسەر، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىدە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، يولداش شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئىرادىسى، خەلقنىڭ ئىرادىسى، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش تۈپ كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەزمەن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىسى، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق، تولۇق چۈشىنىش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، كۆتۈرەڭگۈ روھ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆتكەن بەش يىلدىكى خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىدىن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» «14تە چىڭ تۇرۇش» «13 جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك؛ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى دەۋر تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تېزدىن تەشكىللىنىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆگىنىشنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باشلامچى بولۇش، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان تەشۋىق - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى كېرەك. تەشۋىقات قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەك. مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تەشۋىقات - لېكسىيە لايىھەسىنى ئىنچىكە تۈزۈپ يولغا قويۇش، تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە تۈرلۈك تاراتقۇلار مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس سەھىپە ئېچىشى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۆزى مەسئۇل ساھەلەردە يەتكۈزۈشى، ئۆگىنىشى ۋە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆز ئورنى، ئۆز تارمىقىدا ئۆگىنىشى، يەتكۈزۈشى، لېكسىيە سۆزلىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قاتارلىقلار ئاممىغا تەشۋىق قىلىشى، يېشىپ چۈشەندۈرۈشى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا لېكسىيە سۆزلىشى، لېكسىيە ئۆمەكلىرى لېكسىيەنىڭ قاراتمىلىقى، جانلىقلىقى، ئىدىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، شۇنداقلا 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئورنى ۋە رولىنى توغرا تېپىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» مۇھىم تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇمىي تاكتىكا، باش فاڭجېندا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ تەلىپى ۋە 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار تۆۋەنگە چۈشۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇقتىلىق رايون، ناھىيەلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ، دىققەتنى مەركەزلىك ھالدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تىرىشىپ بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنى چوڭقۇر، ئىنچىكە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا زىچ تايىنىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون، يېزا - بازار، كوچا باشقارمىسى ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى.