جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

日期:2022年10月28日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشىمىزدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىزنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى پۇختا، ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى توغرىسدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەرنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئاساسىي رىتىم يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، «ئۆگىنىش»نى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، لېكسىيە «سۆزلەش»نى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقىلىشى، ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش قوللانمىسىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا سېلىشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قىلچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونلار خېسۇەن تەكشۈرۈش بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر ھالقىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇش، بالدۇرراق نۆللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايون ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇقتىلىق رايون، ناھىيەلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە تېزدىن غەلىبە قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، يېتەكچىلىك قىلىشىنى قارار قىلدى. جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى بېكىتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى ئومۇميۈزلۈك قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بارلىق كىشىلەرگە قارىتىلغان خېسۇەن تەكشۈرۈشنى تېز رىتىم، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، مۇسبەت چىققانلارنى دەل جايىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە يۆتكەش، ئايرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈش، دەرھال يۆتكەش، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش، كۈندە ئېنىقلاپ، كۈندە ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى ۋە فاڭساڭ دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇش، تەڭشەش ۋە ئىشلىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، فاڭساڭغا كىرىش - چىقىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۈرۈشۈش، ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئايرىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىش كېرەك؛ نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تاسادىپىي مۇداپىئەسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دوختۇرخانا ئىچىدە يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قاتتىق، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، مۇھىتنى كۆزىتىش ۋە ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمى بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپى، بولۇپمۇ كېسەل كۆرسىتىشى، داۋالىنىشى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، ئۈسكۈنە، خادىم قاتارلىقلارنى تولۇق تەييارلاپ، مەھەللە بىلەن دوختۇرخانىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي، ئېغىر كېسەللەر، ھامىلىدار - تۇغۇتلۇق ئاياللار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ داۋالاش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش راۋان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار، ئىشلىگۈچىلەر قاتارلىقلارنى شىنجاڭدىن تەرتىپلىك ئايرىلىشقا پۇختا تەشكىللەش كېرەك؛ ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىسىگە ئېلىشى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى كېرەك.