​ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتتى

日期:2022年10月27日
来源:天山网
【字体:

دىققەتنى «سۇ، توك، گاز، پار، كۆكتات، دورا»غا مەركەزلەشتۈردى

​ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش، گاز ئىشلىتىش، كۆكتات، دورا سېتىۋېلىش، ئەخلەتلەرنى تازىلاپ توشۇش... 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىش بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ھۆكۈم قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دىققەتنى سۇ، توك، گاز، پار، كۆكتات، دورا قاتارلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇش ساھەسىدىكى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىش بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ھۆكۈم قىلىش يىغىنى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان قارالمىلارنى چۆرىدەپ، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ، ئاممىنىڭ دورا سېتىۋېلىشى قىيىن بولۇش، كۆكتات سېتىۋېلىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلەرنىڭ ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

شۇ كۈندىكى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ساقلانغان مەسىلىلەر كۆرسىتىلدى، ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى ۋە قوشۇنى قۇرۇپ، خىزمەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن ھالقىسى، پۈتۈن زەنجىرىنىڭ راۋانلاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاپتونوم رايون ئاممىنىڭ دورا سېتىۋېلىشى قىيىن بولۇش، كۆكتات سېتىۋېلىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە كۆكتات دۇكىنى، قولايلىق دۇكانلارنىڭ تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇھىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاخىرقى ئۇچتىكى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇچۇرلىرىنى توپلىدى، سودا نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەر كۈنى بازارنىڭ يۈرۈشۈش ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، ئاخىرقى ئۇچتىكى يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى ھەم قاراتمىلىق ھالدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولدى.

«10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى 3022 توننا كۆكتات، 357.7 توننا گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، 136.52 توننا تۇخۇم تۈردىكى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەندى. ھازىرقى تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارىدىن قارىغاندا، ئاممىنىڭ شۇ كۈنلۈك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرغىلى بولىدۇ» بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: سودا نازارىتى توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار شى، شەھەرلەر بىلەن پۈتۈن ئاپتوموبىلغا تولۇق قاچىلاپ بىۋاسىتە تارقىتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشىغا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىپ، نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ بازار ئىھتىياجىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا توپلاپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇقتىدىن نۇقتىغا يەتكۈزدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلىرى يۇقۇم مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەم «قەرز بولۇپ قالسىمۇ تەمىنلەشنى توختاتماسلىق» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركەت توردا دۆلەت ئېلېكتىر تورى، شىنجاڭ مەمۇرىي ئىشلىرى، ۋىيشىن قاتارلىق 15 خىل توردا ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، توك ھەققى قالدۇق سوممىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە قالدۇق سوممىسى يېتەرلىك بولمىغاندا ئەسكەرتىش مۇلازىمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى. «كېيىنكى قەدەمدە، ئالدىن توك ھەققى تاپشۇرۇپ توك سېتىۋالىدىغان ئابۇنىچىلارغا قارىتا، توك ھەققى قالدۇق سوممىسى يېتەرلىك بولمىغاندا ئاپتوماتىك ئەسكەرتىش قىسقا ئۇچۇرى ئەۋەتىمىز. ھەق تاپشۇرۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئابۇنىچىلارغا نىسبەتەن قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توك ھەققى نېسى قالغان توك سائەتلىرىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى بۇ مەسئۇل كىشى.

ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتتە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن كىچىك، ئۇششاق كارخانا ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشتە «قەرز بولۇپ قالسىمۇ تەمىنلەشنى توختاتماسلىق» سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش نەق مەيدانىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى تۈرلۈك سۇ بىلەن تەمىنلەش - يۇندى چىقىرىش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تىجارەتتە قىينىلىپ قالغان قىسمەن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا، يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە قارىتا، «قەرز بولۇپ قالسىمۇ تەمىنلەشنى توختاتماسلىق» سىياسىتىدە چىڭ تۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى ئۇزارتىپ، ھەم ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قارىتا پار بىلەن تەمىنلەش ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەمدە قەرز بولۇپ قالغان ھەقنىڭ جەرىمانىسىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.