بۈگۈن شىنجاڭنىڭ بۇ جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ ئۈرۈمچىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 1 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

日期:2022年10月26日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

10-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، قۇياش ئاستا-ئاستا شەرقتىن كۆتۈرۈلدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بۇلۇپ كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 1 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ. كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن، قۇياش نۇرى ئىللىق، كۈندۈزدە دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

بۈگۈن سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىغان ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن توتوغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن خۇاڭياڭچۈەنگىچە بولغان بۆلىكى، مايتاغدىن چورماغىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسى، G3016 لىنىيەسى، G218 لىنىيەسىنىڭ غۇلجىدىن تۇرگېنغىچە بۆلىكى.