​ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئارقىلىق ئېتىقاد كۈچى تارقىتىمەن

日期:2022年10月26日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل زۇلھايات ئىسمايىل:

​ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئارقىلىق ئېتىقاد كۈچى تارقىتىمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى خاتىرىسى، ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش مۇھىم نۇقتىلىرى، قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى رەتلەش... 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، يەنى شىنجاڭغا قايتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ۋەكىل زۇلھايات ئىسمايىل يۈك - تاقلىرىنى يىغىشتۇرغاندا، ئەستايىدىللىق بىلەن بىر قىسىم ماتېرىياللارغا بەت نومۇرى قويۇپ ياخشى تۈپلىدى.

«قەشقەر داشۆگە قايتقاندىن كېيىن، مەن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە قۇرۇلتايغا قاتناشقان چاغدىكى بىۋاسىتە تەسىراتىمدىن كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئەينەن بەھرىلەندۈرىمەن، كۆپچىلىكنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەيمەن» دېدى زۇلھايات ئىسمايىل.

20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سەرخىل ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىپ ئىشلىتىشىمىز كېرەك. قەشقەر داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: «بۇ، بىزنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى».

زۇلھايات ئىسمايىل ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىلى 22 يىل بولدى، ئۇنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى جانلىق، جەلپ قىلارلىق بولغاچقا، سانسىزلىغان «مەستانە»لەرنى جەلپ قىلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئېتىقاد دەرسى، كىشىلىك ھايات دەرسى قىلىپ ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى «چىراغ ياققۇچى»غا ئايلانغان.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم سورۇنلاردا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان كۆپ يىلدا، زۇلھايات ئىسمايىل يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولدى.

«يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش بىزنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى مەردانە ھالدا ياخشى سۆزلىشىمىزنى تەسىرلىك، جانلىق مەنبە بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي يول ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئېتىقاد كۈچىنى ياخشى تارقىتىمىز.» زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، قەشقەر داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى بىلەن شاڭخەي قاتناش داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى «ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى كوللېكتىپ تەييارلاش يىغىنى»نى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ يېقىن بولغان نۇقتىدىن ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ، چۈشىنىشلىك سۆزلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئۈن - تىنسىز ئوزۇقلاندۇرىدۇ.

«شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، مەن شەكىل ۋە ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تور ۋە تور سىرتى، ھەمتۈرتكە بولۇپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، سۆھبەتلىشىش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن.» زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ياش ئوقۇغۇچىلارنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ئارقىلىق ياش ئوقۇغۇچىلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىردىشى، ياش ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنىڭ قىزغىن تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئارزۇنى قەلبكە پۈكۈپ ھەم پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، ئويلاشقا، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ ھەم ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشتىن باش تارتمايدىغان يېڭى دەۋر ياخشى ياشلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.