​تەڭپۇڭلۇق ۋە يېتەرلىك بولۇشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلققە بەخت يارىتىمەن

日期:2022年10月26日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل پۇ شۆمېي:​

تەڭپۇڭلۇق ۋە يېتەرلىك بولۇشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلققە بەخت يارىتىمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ

«قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىمەن.» 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى كاتتا يىغىنىغا قاتنىشىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پۇ شۆمېي مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

«جەزمەن قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتەك كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.» پۇ شۆمېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ئالدىنقى شەرت، بىز قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتنى تۈگىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن.» پۇ شۆمېي مۇنداق دېدى: ئىلى ئوبلاستىدىكى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، بۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىلىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرىمىز.

خەلققە بەخت يارىتىش − ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا، پۇ شۆمېي مۇنداق قارىدى: تەڭپۇڭلۇق ۋە يېتەرلىك بولۇشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تەرەپتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق مالىيە چىقىمىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

«بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشنى چۆرىدەپ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.» پۇ شۆمېي مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچەپ، تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنى قوزغىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن ئاممىۋى ئاساس، ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەيمىز.

ئىلى ئەزەلدىن «گۈزەل بوستانلىق» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن بولۇپ، سۇ بايلىقى مول. «سۇ»نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولغان پۇ شۆمېينىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «سۇ»دىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى ئېچىش، تەقسىملەش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«پارتىيەمىز ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق 100 يىللىق ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، يەنە چوقۇم يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.» پۇ شۆمېي مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەلىك كادىرلار باشتىن - ئاخىر بىر بايراققا ئايلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە پائال ئاتلىنىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.