ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى

日期:2022年10月26日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى تۇتاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن، مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دوكلاتنى ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش، قۇرۇلتاي ھۆججەتلىرىنى قاراپ چىقىش، سايلامدا ئاۋاز بېرىش قاتارلىق قۇرۇلتاي تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. خىزمەت ئورنىغا قايتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ۋەكىللەر ھاياجانغا تولدى، روھلاندى.

«چوقۇم پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەنتتىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى يەنىمۇ ياخشى قۇرۇپ، كۈچلۈك پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە يەنىمۇ كۈچ قوشىمەن!» دېدى ۋەكىل خاۋ شياڭلى.

ۋەكىل رىزۋانگۈل ساۋۇت مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەنگۈچى، تەشۋىق قىلغۇچى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن».

ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ۋەكىللەرنىڭ ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.