​«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

日期:2022年10月26日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى​

«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

​ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جىڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن مەملىكەت كۆڭۈل بۆلگەن، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيەمىزنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىكەنلىكىنى، گۈللەپ روناق تاپقانلىقىنى، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇقەررەركى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلەيدۇ.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، بايراق كۆتۈرۈلۈپ يۆنىلىش بەلگىلەنگەن، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلگەن، تولىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ، دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى سىستېمىلىق بايان قىلىندى، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلار ئىلمىي پىلانلاندى، بۇ، كۈچلۈك نەزەرىيەۋى قايىل قىلىش كۈچىگە، ئىدىيەۋى تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە، سىياسىي ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە، دەۋر چاقىرىق كۈچىگە، ئەمەلىيەت تۈرتكە بولۇش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ئۇلۇغ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى ۋە قەتئىي تۈردە ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى، غەيرىتى، سالمىقى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، پارتىيەنى تەشكىلىي جەھەتتىن كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئىستىل جەھەتتە دۇرۇس قىلىش، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، كەڭ تەشۋىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە بولۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆتكەن بەش يىلدىكى خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى دەۋر تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىشى بويىچە، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە، كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىش، ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە، ئەتراپلىق، تولۇق چۈشىنىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىشى، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى، پارتىيە مەكتەپ(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى ۋە ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كەڭ كۆلەمدە ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەممە كىشىنىڭ خەۋەردار بولۇشىغا، كاللىغا، قەلبكە سىڭىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا دائىر تەشۋىقات - لېكسىيە لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك تاراتقۇلار مەخسۇس ئىستون ئېچىپ، مەخسۇس تېمىدا مەركەزلىك خەۋەر قىلىشى، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ساھەلەردە يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشنى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆز ئورنى، ئۆز تارمىقىدا دەرىجىگە، قاتلامغا ئايرىپ لېكسىيە سۆزلىشى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ياخشى تەشۋىق قىلىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىشى، چۈشەندۈرۈشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىغا ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، يېڭى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك. ھازىر ئاساسلىقى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش»تىن ئىبارەت مۇھىم تەلەپنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردا مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى ئومۇميۈزلۈك قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشلامچى بولۇش، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش مۇقەررەر يول»دا قەتئىي ياخشى مېڭىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى كۈچەيتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ھېس قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگە بولۇش كېرەك؛ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى، دەۋر ئەھمىيىتى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا ئۈلگە بولۇش كېرەك؛ يول يۆنىلىشىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى «بەشتە چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشتا ئۈلگە بولۇش كېرەك؛ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەن سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈلگە بولۇش كېرەك؛ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، نەتىجە ھاسىل قىلىشتا ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا، پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.