بۈگۈن ئىلى ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

日期:2022年10月25日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى لاۋفېڭكوۋ شامال ئېغىزى، مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتى ناۋخەي شامال رايونى قاتارلىق شامال ئېغىزى رايونلىرىدا 8 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 7 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

10-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، كەچكۈزدە تۆكۈلگەن يوپۇرماقلار ئەتراپنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

بۈگۈن G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن داۋانچىڭغىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن خوۋشياغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن بايىنغولىنغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ غۇلجىدىن ناراتقىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ياكى يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدۇ. 6 بالدىن 7 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G301 لىنىيەسى، G216 لىنىيەسىنىڭ چاقۇرتتىن قامۇستىغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن قوشتولغايغىچە بولغان بۆلىكى.