7-نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى پۈتتى

日期:2022年09月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە، ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى، ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسىنى بېزەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە، ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى كۆردى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە جەمئىي 76 ياساش سودىگىرى كۆرگەزمە ئورنىنى ياساشقا قاتناشتى. ياساش سودىگەرلىرىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ خۇڭتۇ داجەن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاۋ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە جەمئىي توققۇز ئالاھىدە بېزىلىدىغان كۆرگەزمە ئورنىنى قوبۇل قىلدۇق، جەمئىي 1300 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى 360 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ».

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە، ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى كۆردى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىش توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرگەزمە كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن، پۈتۈن ساراي ئالاھىدە بېزەلگەن بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، خەلقئارا ۋە تاۋار سودىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، جەمئىي 2101 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە زال ئىچىدە 2049ى، زال سىرتىدا 52سى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى تاۋار سودىسى كۆرگەزمە رايونىدا رەقەملەشتۈرۈش ھەم يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق جابدۇقلار، مەدەنىيەت-ساياھەت-تەنتەربىيە كەسپى، ئېنېرگىيە كەسپى، يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات يېمەكلىكلىرى، توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم -كېچەك قاتارلىق سەككىز كۆرگەزمە تېمىسى تەسىس قىلىنغان.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىپۈتكەنبولۇپ، خىزمەتچى خادىملار كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ دىچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، يەتتە مەيدان-ساراينىڭ ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە ئورنىنى ياساش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تىزىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 24تىن بۇرۇن پۈتۈن قۇرۇلمىنى ياساش ھەم ئەۋرىشكىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.

كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆرگەزمە تەشكىلىي كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ماسلىشىپ ئۇدۇللىشىپ، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بەش ئەشيا ئوبوروت ئورنىنى يەرمەنكىدە بەلگىلەنگەن ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورت ئورنى قىلىپ بېكىتتى ھەم «يېشىل يول» ئېچىپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۈرۈمچىگە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھازىرغا قەدەر، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان كارخانا 861 بولۇپ، 20دىن ئارتۇق دۇنيا ھەم جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، دۆلەت ھالقىغان كارخانا ۋە 100دىن ئارتۇق ساھەدىكى باشلامچى كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ.