300 پىدائىي 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ

日期:2022年09月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۈەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، 300 پىدائىي ئىش ئورنىغا چىقىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆرگەزمىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىگە كىرىشكەن.

پىدائىي سۈن تىڭتىڭ ئۇچۇر تىزىملىماقتا. سۈرەتنى سۈن تىڭتىڭ تەمىنلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتى شىنجاڭداشۆ،ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپۋە كەسپىي مەكتەپلەردىن 300 پىدائىي قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى توردا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى، قائىدە-يوسۇن يېتەكچىلىكى، يىغىن ئىشلىرى كاپالىتى قاتارلىق تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىكەن.

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىنىڭ مۇلازىمەت ـ كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن، پىدائىيلار تۈركۈم بويىچە مەركەزلىك كەسپىي تەربىيەلەندى، ئۇنىڭ مەزمۇنى جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاساسىي بىلىملىرى، كۆرگەزمەئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، مۇنبەرۋە مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەتلەر، شۇنداقلا قائىدە ـ يوسۇن، نەق مەيداندا جىددىيداۋالاش، تاشقى ئىشلار، كۈتۈۋېلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

«مېنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىشىم،بۇ مەن ئۈچۈن ھەم پۇرسەت، ھەم خىرىس. مەن ياخشى روھىي قىياپىتىم بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن» دېدى پىدائىي سۈن تىڭتىڭ.