7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى پۈتتى

日期:2022年09月19日
来源:天山网
【字体:

9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى كۆردى. سۈرەتتە: كۆرگەزمە ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆرگەزمە رايونى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە، ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى كۆردى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە جەمئىي 76 قۇرۇلۇش قىلىش كارخانىسى كۆرگەزمە ئورنى ياساشقا قاتناشتى. قۇرۇلۇش قىلىش كارخانىسىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ خۇڭتۇ داجەن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاۋ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىركىتىمىز بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئالاھىدە بېزىلىدىغان توققۇز كۆرگەزمە ئورنىنى بېزەشنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ جەمئىي 1300 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە ئورنى 360 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ».

كۆرگەزمە تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن ساراي ئالاھىدە بېزەلگەن، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، خەلقئارا سودا ۋە تاۋار سودىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، جەمئىي 2101 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2049ى زال ئىچىدە، 52سى زال سىرتىدا.

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ دىچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، يەتتە مەيدان ـ ساراينىڭ ئالاھىدە بېزىلىدىغان كۆرگەزمە ئورنىنى ياساش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئەۋرىشكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە تەشكىلىي كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ماسلىشىپ، جۇڭگو پوچتا ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بەش ئەشيا ئوبوروت ئورنىنى كۆرگەزمىنىڭ بەلگىلەنگەن ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت ئورنى قىلىپ بېكىتتى ھەم يېشىل يول ئېچىپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۈرۈمچىگە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان كارخانا 861 بولۇپ، دۇنيا ھەم جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، دۆلەت ھالقىغان كارخانىدىن 20دىن ئارتۇقى ۋە ساھەدىكى باشلامچى كارخانىدىن 100دىن ئارتۇقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ.