يېڭى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش

日期:2022年09月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

كىشىلەرنىڭ ئارزۇ ـ ئۈمىدلىرى يۈكلەنگەن 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ.

مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان توردىكى كۆرگەزمە بەرپا قىلىنىپ، تۇنجى قېتىم تىيانشان مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئەربابلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ... بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ نەزەرىنى جەلپ قىلىپ شىنجاڭغا مۇجەسسەملەيدۇ.

كۆرگەزمە شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك يۈكسىلىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئوبرازنى نامايان قىلىش

9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، كۆرگەزمە يېپيېڭى قىياپەت بىلەن كىشىلەر ئالدىدا قالتىس نامايان بولىدۇ!

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كۆرگەزمىگە تەييارلىق كۆرۈش خادىملىرى ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان مەزگىلدىمۇ، يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. يىغىن ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش... تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك يۈرۈشتى، توختاپ قالمىدى.

ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە ماسلاشتۇرۇپ، بەش ئەشيا ئوبوروتى شىركىتىنى ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا بېكىتتى ھەم يېشىل يول ئېچىپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۈرۈمچىگە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تاۋارلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان خاسلىقى، ئىشلىتىلىش ئورنى قاتارلىقلارغا ئاساسەن كارخانىلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە دائىر كۆپ خىل لايىھە بىلەن تەمىنلەپ، «جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەخسۇس كۆزنىكى» ۋە «يېشىل مەخسۇس يولى» تەسىس قىلىپ، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بېجىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە تۇنجى قېتىم «تور + تور سىرتى» ئەندىزىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان توردىكى جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى بەرپا قىلىنىدۇ، كۆرۈرمەنلەر كۆرگەزمە ھۆكۈمەت تورى، APP، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق توردا كۆرگەزمىنى كۆرەلەيدۇ.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ھەرقايسى جايلاردىكى كارخانىلار كۆرگەزمىگە پائال تەييارلىق قىلدى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، چىرا ناھىيەسىدىكى مىراس گىلەم توقۇش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا قاينام ـ تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى، تېخنىك خادىملار 400 قۇرلۇق ئەڭ ئاخىرقى ئىككى پارچە قولدا توقۇلغان ساپ قوي يۇڭى گىلەمنى تېزرەك پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «بىز كۆرگەزمە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى بازارلارنى ئېچىش بىلەن بىللە، چەت ئەل بازارلىرىنى پائال ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بۇزەينەپ ئىمىن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش كېرەك. «يۇقۇمغا يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ يېپيېڭى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى» دېدى شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن شياۋ.

ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش

لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماي، بوران ـ چاپقۇن ئالدىدا مەزمۇت تۇرۇش. 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر قانۇنىيەت.

ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى» دېگەن بىمەنە سەپسەتىنى ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار كەسىپلەر ۋە كارخانىلارغا خالىغانچە بېسىم ئىشلەتتى.

ھەر خىل پايدىسىز ئامىللار ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغەزلىرىنى تاپشۇردى:

−GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قاتارلىق مۇھىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر داۋاملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛

− پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىن ئۈچى يېڭىدىن كۆپىيىش بىلەن بىللە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تىجارەت كىرىمى، باش شىركەتكە تەۋە پايچىكلارنىڭ ساپ پايدىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى زور دەرىجىدە ئاشتى؛

− ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9 ـ قۇرۇلتىيى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلار ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىندى؛

− ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ـ تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىش بىر خىل مودىغا ئايلاندى، ھەتتا بەزى تورداشلار چاقچاق قىلىپ: «بۇ يىل يازدا يېرىمغا يېقىن دۆلىتىمىز پۇقرالىرى شىنجاڭغا بېرىپتۇ» دېيىشتى.

تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە تەخىرسىز تەلىپىگە ئايلاندى.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى ئېنىقكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. «كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى كىشىلەرگە ئاكتىپ كۆزلىمە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئاكتىپ كۆزلىمە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ توپلىنىش ئېففېكتىنى پەيدا قىلىپ، ئىقتىسادقا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ» دېدى چېن شياۋ.

شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ۋاڭ خەيلىڭ مۇنداق قارىدى: جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭغا تۈر ۋە مەبلەغ ئەكېلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭلىقلارنىڭ دۇنياغا نەزەر سېلىشتىكى نەزەر دائىرىسى ۋە ئەندىزىسىنى كېڭەيتىدۇ.

«شىنجاڭ كەلگۈسىدە سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىدۇ، بۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۆپ تۇتقىغا ئىگە قىلىدۇ؛ كۆرگەزمە خۇددى ماي قاچىلاش پونكىتى، ئىلگىرى سۈرگۈچ، سىلىقلاش مېيىغا ئوخشاش كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ» دېدى شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد داشۆسى پۇل مۇئامىلە شۆيۈەنىنىڭ سابىق دوتسېنتى سۇ نىڭ.

ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىش

جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى بىر قالتىس تەدبىرى. شەرققە ۋە غەربكە يۈزلەنگەن ئىككى چوڭ بازارغا نىسبەتەن، شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە.

بۇ يىل 7 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش» «غەربتىن كىرگۈزۈش، شەرقتىن ئېلىپ كېلىش»تىن ئىبارەت رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك.

بۇ يىلدىن بۇيان، مەيلى يابۇلى مۇنبىرىگە قاتناشقان كارخانىچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇشى ياكى تەيۋەن مۇخبىرلار ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا زىيارەت قىلىشى بولسۇن؛ مەيلى پۈتۈن يەرشارىدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتقا شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى تونۇشتۇرۇش بولسۇن ياكى بەش چوڭ قىتئەدىكى 13 دۆلەتتىن كەلگەن جۇڭگودىكى چەت ئەل سودا ـ سانائەت ساھەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولۇشى بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىدىكى يەنە بىر قېتىملىق تەنتەنىلىك جاكارلاش بولدى.

دەل 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئېيتقاندەك، ئېچىۋېتىلگەن كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى كۆزلەپ، جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگە ماركىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، دۇنياغا تۇتىشىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە سۇپىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

كۆڭلى ـ كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ بولۇپ، سىغدۇرۇشچان بولغاندىلا زورايغىلى بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئاچتى، ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقا، ئوكيانىيە قاتارلىق قىتئەلەردىكى نۇرغۇن دۆلەت (رايون) ھەم دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلار، تور ۋە تور سىرتىدا كۆرگەزمىگە ۋە يىغىنغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، بۇ، دۇنيا ھەم جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلاردىن نەچچە ئوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭنىڭ يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ! چېن شياۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئەۋزەللىكىنىڭ تەدرىجىي گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىدىكى تۈگۈنلۈك ئورنى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولدى. «قارىشىمچە، شىنجاڭ يېپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىشقا قاتنىشىدۇ. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى بۇ مۇساپىنىڭ تېزلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ».

سۇ نىڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا سودىدا قۇرۇقلۇق يولى تىرانسپورتى گۈللەنگەن چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى دۇنيا سودىسىغا سۇپا ھازىرلاپ بەردى، ئۇنىڭغا شىنجاڭدا ئەزەلدىن بار بايلىق ئەۋزەللىكى قوشۇلۇپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭى مۇقەررەر ھالدا قاتناش تۈگۈنىدىن ئىقتىساد تۈگۈنى بولۇشقا قاراپ تىپنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى جۇلالىنىپ تۇرغان بىر نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلىنىدۇ.