بۇ يىل شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى 21 مىليون 655 مىڭ كىلوۋات يېڭى ئېنېرگىيەنى تورغا ئۇلاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تاماملىدى

日期:2022年09月19日
来源:天山网
【字体:

پۈتۈن يىللىق يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى پىلانىدىن 6 مىليون 655 مىڭ كىلوۋات ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيەنى تورغا ئۇلاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە يۈرۈشلۈك توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى، ھازىرغىچە، بۇ يىل 149 تۈر، 21 مىليون 655 مىڭ كىلوۋات يېڭى ئېنېرگىيەنى تورغا ئۇلاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تاماملاندى، بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىدىغان يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 15 مىليون كىلوۋات بولغان يىل بېشىدىكى پىلاندىن 6 مىليون 655 مىڭ كىلوۋات ئېشىپ، يۈرۈشلۈك توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن 72 تۈر مۇددەتتىن بۇرۇن باشلاندى.

شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى تورغا ئۇلاش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بۇ يىل ئىچىدە ئېلېكتىر تورى مەبلىغىدىن جەمئىي 3 مىليارد 115 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىشلەتتى ھەم «يېشىل يول» ئېچىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تورغا ئۇلاش تېخنىكا لايىھەسىگە مۇددەتتىن بۇرۇن قاتنىشىپ، ئۇنى مۇددەتىن بۇرۇن كېڭىشىپ بېكىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى بالدۇر ئىلتىماس قىلىش، تېز تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بىز ئېلېكتىر تورىنىڭ سىغدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېزلىتىپ، ئىلتىماس قىلغان ھامان تەكشۈرۈش، تەستىقلاش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسىنى 20 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتتۇق.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات ـ پىلان بۆلۈمى ئاساسىي تور يىرىك پىلان باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىنگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 8 ـ ئايدىكى يۇقۇم مەزگىلىدە، يەنە دۆلەت ئېلېكتىر تورى يېڭى ئېنېرگىيە بۇلۇت سۇپىسىغا تايىنىپ، «توردا بېجىرىش، توردا تەكشۈرۈش، ئۇچراشماي بېجىرىش»تىن ئىبارەت بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 34 تۈر، 10 مىليون 280 مىڭ كىلوۋات يېڭى ئېنېرگىيەنى تورغا ئۇلاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تاماملىدۇق.

خۇارۇن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بېيفاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئىككى يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى 8 ـ ئايدا تورغا ئۇلاش تەستىقىغا ئوڭۇشلۇق ئېرىشتى، بۇ ئىككى تۈر خۇارۇن شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈم تۈرلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ شىنجاڭدىكى تۈر مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تامامەن ئۇچرىماي، بىر پونكىت شەكلىدە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشقا ئازراقمۇ تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

يىل ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ قەرەلىدە تورغا ئۇلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيە يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئالدىن تەستىقلاش تەلىپىنى قاندۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش پىلانى «يېشىل يولى» ئېچىپ، «كەلگەن ھامان تەستىقلاش، دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، يىللىق ئېلېكتىر تورى ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش پىلان قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«بىز قۇرۇلۇش سۈرئىتى تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ھەپتە بويىچە ئىز قوغلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سۈرئەتنى پۈتۈن جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىش ـ ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنىڭ پۈتۈپ تورغا ئۇلىنىشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات ـ پىلان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ فېڭ.