9 ـ ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولى يۈك تىرانسپورتىنىڭ مال قاچىلانغان ۋاگون سانىدا ھەر كۈنى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

日期:2022年09月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولى يۈك تىرانسپورتىنىڭ كۈندىلىك مال قاچىلانغان ۋاگون سانىدا ئۇدا 16 قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، 9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى بىر كۈندە 12 مىڭ ۋاگون يۈك قاچىلاشتەك يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ «بىر ئاساسىي يول، ئىككى قانات» يولىدىكى ئاساسلىق يول، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان تىرانسپورت چوڭ تومۇرى. 9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈريول تارماقلىرى لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى تىرانسپورتىنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىدىن بىۋاسىتە قاتنايدىغان يۈك پويىزىدىن 18 جۈپ كۆپەيتىپ، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىدا قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ ئېقىمىنى زىچلاشتۇردى، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.

«بىز ئورۇنلاشتۇرۇش، قوماندانلىق قىلىشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، پويىزلارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشنى كۈچەيتىش، تېخنىكىلىق بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ قاتناش جۈپ سانىنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پويىزلارنىڭ يول خەرىتىسى بويىچە قاتنىشىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈك تىرانسپورتىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى پىلان ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ لېي.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى، قومۇل شەرقىي ۋوگزالىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان ـ چىقىدىغان پويىزلارنى گۇرۇپپىلاش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئەسلىدىكى ۋۇۋېينىڭ جەنۇبىدىن لەنجوۋنىڭ شىمالىي رايونىغىچە بولغان بۆلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پويىزلارنى گۇرۇپپىلاش، ۋاگونلارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئالدىغا يۆتكەپ، ئىككى گۇرۇپپىلاش ۋوگزالىدا ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەرتىپ، يۈك توشۇش پويىزىنىڭ يولدا توختاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، پاراۋۇز، ۋاگونلارنى يۈرۈشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۈكنى كۆپ بېسىپ تېز توشۇشقا ئاساس سالدى.

كۆمۈر توشۇش شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا يۈك توشۇش ئېشىش مىقدارىنىڭ ئاساسلىق ئېشىش نۇقتىسى. ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 2 ـ لىنىيەسىدە يېقىندا قاتناش باشلىنىپ، يەككە لىنىيە قوش لىنىيەگە ئۆزگەرتىلدى، توشۇش كۈچى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 70 قېتىمدىن كۆپىيىپ 80 قېتىمغا يەتتى، ھەر كۈنى قاتناشقا تەشكىللەنگەن 100 ۋاگونلۇق ۋە 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ ھەرقايسىسى سەككىز قېتىمدىن ئاشتى.

شىنجاڭ ئىچىدىكى 87 كارخانىنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شەرقىي جۇڭغار، جياڭجۈنمياۋ، قومۇل قاتارلىق كۆمۈر بايلىقى مول توپلاشقان رايونلاردا كۆمۈر توشۇيدىغان ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق پويىز، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتناش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، خېشى كارىدورى، سىچۇەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق رايونلارغا كۆمۈر توشۇشقا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ھەر كۈنى لىق كۆمۈر قاچىلانغان 48 يۈك پويىزى شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش بويىچە 28 كۆمۈر قاچىلاش نۇقتىسىدىن گەنسۇ، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا قاتنىماقتا.