7-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە نەزەر丨ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى كۆرگەزمىنىڭ توك ئىشلىتىش كاپالىتىنى كۈچەيتتى

日期:2022年09月18日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ مەخسۇس توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قوشۇنى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىر چىن ۋېيۋېي فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) «مەخسۇس توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قوشۇنى توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم سورۇنلىرىدا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.» 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى تور تەقسىملەش بۆلۈمى يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گۇ جياڭبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8-ئايدىن باشلاپ، جەمئىي 2300 نەچچە خادىم قېتىم 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە چېتىلىدىغان توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم سورۇنلىرىدىكى تىرانسفورموتور پونكىتى، توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش لىنىيەسى ھەم ئۈسكۈنىلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش-تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم سورۇنىدىن جەمئىي 21ى بار بولۇپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان مەيدان-ساراي، كۈتۈۋالىدىغان مېھمانساراي، ئاخبارات مەركىزى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق رايونلارنى، سىرتقى توك مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چېتىلىدىغان 19 تىرانسفورموتور پونكىتى، 40توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ۋە 38 توك تەقسىملەش لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەخسۇس توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي لايىھەسى تۈزۈپ، «بىر سارايغا بىر تىزىملىك» «بىر خەرىتىگە بىر كارتا» تەسىس قىلىپ، مەخسۇس توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قوشۇنىنى توك بىلەن تەمىنلەش مۇھىم سورۇنلىرىدا نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىددىي توك مەنبەسى، توك مەنبەسى ئاپتوموبىلى، توك چىقىرىش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنى سەپلىدى.

توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدىغان تەۋەلىك ئورۇندىكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنى قوزغىتىپ، ئېلېكتىر تورى ۋە مەيدان-سارايلارنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىشكە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايون-ناھىيە جىددىي رېمونت قىلىش بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئالتە گۇرۇپپىدىكى 48 ئادەم ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ماسلاشقان-كۈچلۈك، جىددىي ئەھۋالغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدىغان توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

8-ئايدىن باشلاپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى جەمئىي 1231 قېتىم كۆزىتىپ، 3326 جايدا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش خىزمىتىنى تاماملاپ، 583 جايدىكى تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ، كەمتۈكلۈكنى بىر تەرەپ قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ، كەمتۈكلۈكنى تۈگىتىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى.