​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2022年09月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى​

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

​ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن ئۆگىنىشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېقىندا مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئۆگىنىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، چېن ۋېيجۈن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، «نېمە ئۈچۈن ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئورتاق بېيىش دېگەن نېمە، ئورتاق بېيىشقا قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك» قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىجادىي جاۋاب بېرىپ، بىزنىڭ خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىرمۇ مىللەتنىڭ كەم بولماسلىقىغا، بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي مەنە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

بىرىنچىدىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچنى ئۆستۈرۈش، كۈچەيتىش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق، ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تۈرتكىلىك كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، دىققەتنى يېزىلاردىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى سىجىل كىچىكلىتىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم قىلىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلار، يېزىلارنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، مالىيە كۈچىنى تەقسىملەش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە مايىللاشقان قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈمگە ۋە ئادىل بولۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، كىرىم تەقسىمات تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم قىلىش - يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا - سەھىيە، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بېيىشقا يېتەكلەپ، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.