ئاپتونوم رايونىمىز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملاشتۇرۇشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

日期:2022年09月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەتلىك 4 - قېتىملىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى «ئون ئەمەلىي ئىش»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ھەمدە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى دائىملاشتۇرۇشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «ئون ئەمەلىي ئىش»نى زىچ چۆرىدەپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، سىجىل كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، كېيىنكى باسقۇچتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى يىپ ئۇچلىرىنى تولۇق قېزىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممىنى جايىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، بىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك؛ دىققەتنى قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ پۇل - زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇپ، ھەمكارلىشىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بىرىكمە مۇشت ئېتىپ، نىشانلانغان قاچقۇنلارنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىش ئۇچۇرلىرىغا قارىتا ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك؛ دىققەتنى دېلو پاش قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، زەربە بېرىش تىغ ئۇچىنى باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى ئەڭ قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرىگە قارىتىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، زەربە بېرىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دېلو بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى تورى»نى ئۈزۈل - كېسىل قورشاپ يوقىتىپ، زەربە بېرىشنىڭ كۈچلۈك، جازالاشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ دىققەتنى نۇقتىلىق كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزەشنى ئۇدا قانات يايدۇرۇپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش، يوچۇقنى تەكشۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، ئۇل خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەر پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى قەتئىي يوقىتىشى كېرەك؛ دىققەتنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۈزىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەنبەدىن تۈزەشتىكى يوچۇق، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى قاراڭغۇ رايون، زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى توغرا تېپىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، دائىملىق تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك سىياسەت - تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، يىغىندا ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەشكىللىك جىنايەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، كۈچ كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى دائىملىق يوقىتىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاشقا يېتەكلەش تەلەپ قىلىندى.

يىغىن سىن شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.