پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرىمىز

日期:2022年09月18日
来源:天山网
【字体:

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى −

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

    ھەمكارلىق ساداسى ياڭرىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئىرادىسى مۇجەسسەملەندى. 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېف، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مىرزىيويېفنىڭ تەكلىپى بويىچە ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى قويۇق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان سەپىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئادىمىيەت، ئىقتىساد - سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق بەلباغ، تۈگۈن بەلباغقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ

رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا زىيارەتكە چىققاندا، بىر قاتار ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە «جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى تىرانسپورت چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق باشلاشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى دوۋ لۇشىنغا كەلگۈسىدە، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

«بۇ يىل ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ شىنجاڭدا قاتنىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.» دوۋ لۇشىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا ياردەم قىلىش - يۆلەش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ دائىملىق قاتنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ مال يىغىش - تارقىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىمىز.

شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى كاڭ خېپىڭ چۆچەكتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. 30 يىل ئىلگىرى، ئۇ نۇرغۇن كىشىگە ئوخشاش يۇرتىدىن چىقىپ، دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئاتلىغان. ئۇ «تۇنجى پۇل»نى قازاقىستاننىڭ شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىدىن تاپقان. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا زىيارەتكە چىققاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، بۇ پېشقەدەم تاشقى سودا خادىمى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىمىز».

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشىمىز

«رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بېغىشلاپ، بىزنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى» دېدى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پورت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گۈلباھار جالىمغازى.

قورغاس ۋەتىنىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، تۆمۈريول پورتى، تاشيول پورتى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قاتارلىق كۆپلىگەن سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسىغا ئىگە. گۈلباھار مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز ئورنىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون ئورنى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش غايەت زور بازار ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇلۇشى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

تۈرلەر بەس - بەستە ماكانلاشتى، زاۋۇت ئۆيى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، سېختا ماشىنىلار گۈرۈلدىدى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى... قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇ يىل 8 - ئايدا، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 4 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، يەككە ئايلىق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان زىيارىتى بىزگە چەكسىز پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.» قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باغچە رايونى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ چۇنلىن مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يۆلەش ۋە يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت بازارلىرىنى كېڭەيتىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە سىڭىشىشىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، <يول ئىقتىسادى>نى <كەسىپ ئىقتىسادى>، <پورت ئىقتىسادى>غا ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز».

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز

«شىنجاڭ كۆپ دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى دۆلەتكە زىيارەتكە چىقىپ، بىزنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەپ، نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈپ ۋە تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تاشيول قاتناش ئومۇمىي مۇساپىسى 217 مىڭ 300 كىلومېتىرغا يېتىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى. «بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، چوڭ يول، نۇقتىلىق تۈگۈننى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىز قاتناش تورىنىڭ <ئاخىرقى ئۇچى>دىن ئاسىيا - ياۋروپا قاتناش تۈگۈنىگە قاراپ قەدەم ئېلىشىغا تۈرتكە بولىمىز».

شىنجاڭ تۆمۈريول تەكشۈرۈش - لايىھەلەش يۇرتىنىڭ باش مۇدىرى جۇاڭ شىنيۈ مۇنداق بىلدۈردى: يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ئۈرۈمچى، قومۇل، كورلا، قەشقەر قاتارلىق تۆمۈريول تۈگۈنلىرى؛ ئۈرۈمچى، ئالاتاۋ، قورغاس، قەشقەر قاتارلىق خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركەزلىرى ھەمدە جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - پاكىستان، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان، جۇڭگو - رۇسىيە قاتارلىق خەلقئارا تۆمۈريول چوڭ يوللىرىنى پىلانلاش ۋە تەكشۈرۈش - لايىھەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار چېن چياڭۋېي، جاڭ يەنفاڭ، خەن چىنيەن، لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يۇڭ)