7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ

日期:2022年09月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى».

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر، كۆرگەزمە سۇپىسىنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە بېزەلگەن بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، خەلقئارا ۋە تاۋار سودىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، كۆرگەزمە تېمىسى رەقەملەشتۈرۈش ھەم يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق جابدۇقلار، مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيە كەسپى، ئېنېرگىيە كەسپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىكلىرى ۋە توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم - كېچەك ھەم كىتاب كۆرگەزمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«نۆۋەتتە، كۆرگەزمىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى.» 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت ئىچىدىكى 24 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان بىر شەھەر كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكى ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە بولىدۇ. قازاقىستان، ۋېنگرىيە بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولىدۇ. ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئوكيانىيەدىكى نۇرغۇن دۆلەت (رايون) تىكى ھەم دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلار، تور ۋە تور سىرتىدا كۆرگەزمىگە ۋە يىغىن پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، دۇنيا ھەم جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلاردىن نەچچە ئوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىدە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كەسىپلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق ئالتە مەيدان مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، كۆرگەزمىدە كېلىشىم ئىمزالىنىدىغان تۈر 300دىن ئاشىدىكەن، كېلىشىم سوممىسىدا تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلىدىغانلىقىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

ۋاڭ لېي مۇنداق بىلدۈردى: كۆرگەزمىدە بازار ئىستىقبالى ياخشى، تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى ۋە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى زور تۈرلەر چۆرىدىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق مەبلەغ سېلىشنى، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى يۇقىرى سۈپەتتە تەشكىللىنىپ، «شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان» يۇقىرى دەرىجىلىك سودا سۇپىسى پائال بەرپا قىلىنىدۇ.

كۆرگەزمىدە يەنە تۇنجى قېتىم تىيانشان مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى، پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى قاتارلىق كۆپ مەيدان مەخسۇس تېمىلىق مۇنبەر ۋە ئېچىۋېتىلگەن بىڭتۇەن قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. 30غا يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلار ۋە جۇڭگودىكى ئەلچىخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلار، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ ھەرقايسى مۇنبەر پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.

«جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشى مۇقەررەر كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىر قاتار ئەمەلىي نەتىجىلەر شەكىللىنىدۇ» دېدى ۋاڭ لېي.

كۆرگەزمە «تۇنجى قېتىم ماس قەدەمدە توردا ئۆتكۈزۈلۈپ، سۇپا ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇپا مەزمۇنىنى بېيىتىش ئارقىلىق، مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان توردىكى جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.» 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ نازىرى ئىلھام ئوسمان مۇنداق تونۇشتۇردى: توردىكى كۆرگەزمىگە 32 دۆلەت (رايون)تىكى 3600 كارخانا قاتنىشىدۇ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى 16 مىڭ 980گە يېتىدۇ. نۆۋەتتە، 2641 كارخانا توردا 3D ،2D كۆرگەزمە سۇپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 882 كارخانا 3D كۆرگەزمە سۇپىسى قۇردى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە توردىكى رەقەملەشكەن كۆرگەزمە ئۇچۇر سۇپىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق پەن - تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق بۇلۇت يىغىنى، بۇلۇتتا كۆرسىتىش، بۇلۇتتا كېڭىشىش، بۇلۇتتا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىقتىدارى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت، سودا سۇپىلىرى، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلار قاتارلىقلار جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتى، يان تېلېفون تېرمىنالى، كىچىك پىروگراممىسى، ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك بىرىكمىلەر ئارقىلىق، كۆرگەزمىگە تېز، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتنىشالايدۇ.