بىر كۆۋرۈك ئارقىلىق ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

日期:2022年09月18日
来源:天山网
【字体:

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خۇڭگۇاڭشەن ئەتراپىدىكى 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىلىق گۈل تەكچىسى يېنىدىن ئۆتمەكتە. 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن بېزىلىپ، كاتتا مەرىكىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

كۈز پەسلىدىكى 9 - ئايدا، ھاۋا ئوچۇق ئىدى، ئۈرۈمچى بوغدا چوققىسى ئېتىكىدە، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى پات ئارىدا داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ. ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزىدىكى بۇ شەھەر، ھەر يەر - ھەر يەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كەڭ قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالماقتا. شۇنداقلا ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مىسلىسىز كۆلەمدە تۇتاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان پارلاق كەلگۈسىگە يېتەكلىمەكتە.

شىنجاڭ ئەمدى چەت - ياقا رايون ئەمەس

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەمدى چەت - ياقا رايون بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، بىر تۈگۈن رايونغا ئايلاندى، سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپسىلەر، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشساڭلار، كەلگۈسىڭلار پارلاق».

ئىككى ئاي ئىلگىرىكى بۇ سەمىمىي تەلىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە. 2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا كەلدى، يورۇق ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكران ئالدىدا، ئۇ يۇقىرىقى سۆزنى قىلدى.

ھەش - پەش دېگۈچە، «شىنجاڭ ئەمدى چەت - ياقا رايون ئەمەس» دېگەن سۆز قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ سۆزنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 25 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىغا، شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىكى كۆپ يىللىق تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە، مەركەز ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنى قەتئىي قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە نىسبەتەن، قانچىلىك زور مۇئەييەنلەشتۈرۈش، يەنە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن، قانچىلىك زور ئىلھاملاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى كىشىلەر بىلدى.

شىنجاڭ ئەمدى چەت - ياقا رايون ئەمەس، ئىچكى خاس مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز موللىشىپ، ئۆلچىمى سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆزى بۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈش. 19 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە كۆتۈرۈلگەندە، شىنجاڭ دۆلەت قاتلىمىدىن ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىيات سەھنىسىگە چىقىپ بولغانىدى.

ئالتە نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئۆسۈپ يېتىلىشكە گۇۋاھ بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. بۇ تۇپراقتىكى كىشىلەر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلدى ۋە سىڭىشتى.

بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى قالتىس بولدى، بۇ تۇپراق جۇڭگونىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى تەرەپ - تەرەپكە قويۇپ بەرمەكتە.

قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئاسىيا - ياۋروپانى تۇتاشتۇردى

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (شىئەن - ھامبۇرگ)نىڭ شىئەن خەلقئارا پورتى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىلدىن بۇيان قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 10 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن ئون كۈن بۇرۇن 10 مىڭ قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى؛ جەمئىي توشۇلغان مال 972 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئېشىپ، ئۇنىۋېرسال ئېغىر ساندۇق نىسبىتى %98.4كە يەتتى.

دەل مۇشۇ پەيتتە، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرى رايونىدا لىققىدە يۈك بېسىلغان قاتار - قاتار جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى دۆلەت دەرۋازىسىدىن كەينى - كەينىدىن چىقىپ، يول بويى غەربكە قاراپ مېڭىپ، خۇددى كۈچلۈك ئارتېرىيە قان تومۇرىغا ئوخشاش، ئاسىيا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىتئەدىكى 100دىن ئارتۇق شەھەرنى تۇتاشتۇردى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، پۈتۈن كۈنلۈك، زور تىرانسپورت مىقدارىغا ئىگە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، راۋان، بىخەتەر بولغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنى بەرپا قىلىپ، رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

گەرچە يۇقۇم قاتارلىق تەسىرلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى يەنىلا كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى شەرق بىلەن غەربنى تېز تۇتاشتۇرۇپ، يادرولۇق شەھەرلەرنى بىر - بىرىگە باغلاپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلەرنى كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلتۈردى. شىنجاڭ يېڭى ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىگە ئايلاندى، قازاقىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، فىنلاندىيەدىمۇ يېڭى ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى بارلىققا كەلدى. بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئومۇمىي توشۇش ۋاقتى 28 كۈندىن تەدرىجىي ھالدا 12 - 14 كۈنگە قىسقاردى.

ھازىرغىچە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 82 يۈرۈش لىنىيەسى شەكىللىنىپ، ياۋروپادىكى 24 دۆلەتتىكى 200 شەھەرگە تۇتىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا سودىسىنى راۋانلاشتۇرىدىغان «سۈرئەتنى ئاشۇرۇش كىلاپانى»غا ئايلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىشى داۋامىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى پىلان ھالىتىدە دۇنياغا كېلىشتىن گۈللەپ ياشناۋاتقان رېئاللىققا ئايلىنىشقىچە، ئادەمنى ئاساس قىلغان ھالدا لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئارىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت يېگانىلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

2013 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ جېنى ۋە جەۋھىرى. جۇڭگو تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن روھىي ھالەت ۋە تەدبىر ئارقىلىق يەرشارىۋى بازاردىن ئىبارەت بۇ تورتنى ئورتاق زورايتىپ، يەرشارىۋى ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى پۇختىلاپ، يەرشارىۋى ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى جانلاندۇرىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى.

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى دەل «ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى». ئۆتكەن نەچچە يىلدا، شىنجاڭدىن ئۆتكەن قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا تۇتاشتۇردى، كۈمۈش قاناتلار بەش قىتئەنى بىر - بىرىگە باغلىدى، بۇلۇت تېرمىنالى پۈتۈن يەرشارىنى راۋان تۇتاشتۇردى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خەلقئارا ماللار شىنجاڭدا توپلاندى، شىنجاڭدىن تارقالدى، ھەر خىل ئىرقتىكى كىشىلەر تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كېلىپ، بۇ تۇپراقتا بايلىق ياراتماقتا، ئارزۇغا ئىنتىلمەكتە. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ئەۋجىگە چىقىپ، خۇددى مەرۋايىتتەك جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدا جۇلالاندى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە تۇنجى قېتىم تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىش، خەلقئارا سودا ۋە تاۋار سودىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونى بىردەك ئەڭ يېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيا سودا سەرخىللىرىنى قۇچاق ئېچىپ كۈتۈۋالىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، كاتتا مەرىكە جۇڭگو ۋە بارلىق دوست قوشنا دۆلەتلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى.

بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 145 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.6 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 39.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرۇپ، يارقىن «نەتىجە قەغىزى» تاپشۇردى. بۇ سودا سوممىسى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىدەك دەۋر پۇرسىتىدىن كەلگەن، شۇنداقلا قۇدرەتلىك جۇڭگونىڭ ئاسىيانىڭ ئىچكىرى رايونىدا قۇرغان كەڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسىدىن كەلگەن.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، داغدام يوللار بۇلۇتتىن ھالقىپ، كوئېنلۇننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل ھىندى ئوكيانغا تۇتاشتى، شىنجاڭ ئەمدى دېڭىزدىن ئەڭ يىراق جاي ئەمەس. بۈگۈنكى شىنجاڭ سىياسەت راۋان، ئەل ئىناق، ئۆزىگە ئىشەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەممە جايدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭ تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەمدىكى بازارلىرىنى تۇتاشتۇردى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى غايەت زور پاراخوتتەك جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دېڭىزىدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە، نەچچە ئون دۆلەت ۋە رايون بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ياسىغان كۈچلۈك يەلكەننى چىقىرىپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ كۆپكۆك دېڭىزىغا قاراپ يۈرۈش قىلماقتا.