​مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2022年09月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سىستېمىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قەتئىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا قارىتا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، روھ ئۇرغۇتۇلدى، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىلدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سىستېمىسى بۇرچ ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى پۇختا، ياخشى ساقلاش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئائىت تەشۋىق - تەربىيەنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىل - يېزىق خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دائىملىق ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما، زىيالىيلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تاشقى تەشۋىقاتنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، «تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش» «سىرتقا چىقىرىش» سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. مۇھىم، زور باش تېما تەشۋىقاتى، ئىقتىسادىي تەشۋىقات - خەۋەر قىلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشۋىقات يېتەكچىلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.