كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز

日期:2022年09月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۆز ئورنى، ئۆز سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنى يۈكسەك ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشقا ۋە ئەمەلىي كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:

سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومېتىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا 15 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەربىر تۈرنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسى ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىنى ھەقىقىي توغرا تېپىپ، تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈش، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى فۇنكسىيەگە قويۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سەككىز چوڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە ۋە يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تىرەك بولىدىغان زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى:

تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك؛ رەقەملەشكەن تەپەككۇرنى پائال تۇرغۇزۇپ، «ئالاقە تورى + ئورگان ئىشلىرى»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ ئاقىل ئورگان بەرپا قىلىشىمىز كېرەك؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ تېجەشلىك ئورگان بەرپا قىلىشىمىز كېرەك؛ يېشىل ئىش بېجىرىش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى چەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ماس ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى:

ساھەنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولىمىز

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساھەنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» بويىچە ئاھالىلەرنى پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يېزا ئۆيلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش نىسبىتىنى چىڭ كۆزلەپ ھەم دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش قاتارلىق كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، ئۆي - زېمىن بىناكارلىق كەسپىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىمارەت، كەنت - بازار قۇرۇلۇشى، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، رەقەملىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ساھە ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى:

نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ھازىرقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر، ياخشى قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار مېھرىگۈل غوپۇر، ۋاڭ يايۈن، لى شىڭ)