مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2022年09月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى

مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشقا تۇرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، شىنجاڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك مۈشكۈل، ئېغىر نىشان - ۋەزىپىلەر ئالدىدا، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ تەربىيەلەشكە قاتناشقان رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مۇھىم ساھەلەردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىگە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دائىملاشقان «ئىقتىساد ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش» رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بايلىق، مۇھىتقا ئالاقىدار تەدبىر بەلگىلەش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالاش ئۆلچىمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىگە، ھوقۇق ئىشلىتىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا خەۋپ - خەتەر نۇقتىسى ۋە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى بايقاشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. خامچوت باشقۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مالىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خامچوت تۈزۈش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مالىيەنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق ۋە مۇھىم تۈۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتىكى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش نازارەتچىلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بىلەن تەبىئىي بايلىقنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىپسىلىشىشى راۋان، ماسلىشىشى ئۈنۈملۈك بولغان چوڭ نازارەتچىلىك ئەندىزىسىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىش، تەربىيەلەش داۋامىدا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشنى ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش بولۇش، كەسپىي سەۋىيەدە يېڭى يۈكسىلىش بولۇش، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشتە يېڭى ھاسىلات بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

چېن ۋېيجۈن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.