ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2022年09月16日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايون دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر تەھلىل قىلىندى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كۈچلۈك سىياسەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تېزلىتىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، 2022 - يىللىق 2 - تۈركۈمدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانىنى بېكىتىش نىشانىنى تاماملاشقا بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بەلگىلەنگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆزىگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئۇدۇللىشىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق يېتەرلىك خىزمەت ئىشلەپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىشى كېرەك؛ مۇكاپات مەبلىغىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇشقا ئىلتىماس قىلىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار توپىنى تېز زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار باشقۇرۇش چارىلىرىنى تۈزۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلىرىنى بەرپا قىلىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.