بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

日期:2022年09月15日
来源:天山网
【字体:

بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايوندا قار ياغىدۇ)، ئالتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، شەرقىي شىنجاڭدا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 11 ~ 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقى قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 8دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق، جۇجياڭ جەنۇبىي يولى مەھەللىسىدىكى مەلۇم بىر ئولتۇراق رايوندا، سەھەر تۇرغان كىشىلەر سەيلە قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 9 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 5 ~ 4 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، تاغلىق رايوندا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، دائىم دېزىفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدا ھۆل-يىغىن ۋە بورانلىق ھاۋارايى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇم-بورانلىق ھاۋارايى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، قاتناش ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئامما ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، قېلىنراق كىيىنىشى كېرەك.

بۈگۈن ئازراق يامغۇر (ئېگىز تاغلىق رايوندا قار)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن ۋۇسەيۋەنگىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ مۇسىدىن كۈنەسكىچە بولغان بۆلىكى، G3015 ،G7 لىنىيەسى، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تاغ كەلكۈنى، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاتقا-شېغىل ئېقىنى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرى بىرقەدەر يۇقىرى. 10 ~ 9 بال (12 بال ئۆتكۈنچى بوران) غىچە غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى كونا شامال رايونى، S319 لىنىيەسى ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ناۋخەي شامال رايونى بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى (30 چاقىرىملىق شامال رايونى)، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى (100 چاقىرىملىق شامال رايونى).

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى