​پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

日期:2022年09月15日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −​

پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يىغىندا دىققەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەر زىچ چۆرىدىلىپ، 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز نىشاننى كۆزلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دەۋر يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشىمىز

ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىي ئىشلەشتە، نېگىزى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتى «مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي يۇرتى»، 2021 - يىلى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 25 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئەلا سۈپەتلىك بۇغدايغا تايىنىپ، بۇ كەنتنىڭ ئۇن پىششىقلاش كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، بۇ يىل ھوسۇل ئالغان شىنجاڭ بۇغدىيى ھەر كۈنى 220 توننا سۈرئەت بىلەن پىششىقلىنىپ ئورگانىك ئۇن، مول سېلېنلىق ئۇن، قولدا ئىشلەنگەن ئورگانىك قۇرۇتۇلغان كەسمە چۆپ قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇلدى.

ياۋزەنزە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ياۋزەنزە ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، گۇچۇڭ ناھىيەسى فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى تاڭ پېيكې مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا «ئاشلىق، ياغ كەسىپلەر توپى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ياۋزەنزە كەنتىنىڭ 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، ياۋزەنزە كەنتى يېشىل كەسىپ زەنجىرىنى داۋاملىق ئۇزارتىپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرىدۇ.

قومۇل شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، تېخنىكىسى ئىلغار، ئېكولوگىيەسى دوستانە، ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان بىر تۈركۈم كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائەت كەسىپلىرى توپىنى قۇرۇش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قومۇل بوغاز 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىنى يىلىغا 6 مىليون توننا ئىشلەپچىقىرىشتىن يىلىغا 12 مىليون توننا ئىشلەپچىقىرىشقا تەڭشەشكە تەستىقىي جاۋاب بېرىپ قوشۇلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2023 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

«بىرىنچى سەپتىكى تېخنىك خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشىمەن.» 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭ قومۇل ئېنېرگىيە شىركىتى بوغاز 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىدا، بۇ شىركەت ماشىنا - ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بۆلۈمىنىڭ كەسپىي ئىنژېنېرى جاڭ شىشوۋ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان قېزىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنىنى تەڭشەپ سىناق قىلىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر يۈرۈش ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر كان قۇدۇقىدا ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئادەمسىز، ئاز ئادەم بىلەنلا كۆمۈر قېزىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆمۈر قېزىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

ئومۇمىي يىغىندا ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر توپى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەلىك چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئايدار قوجانتاي مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، تېكەس ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسىپلىرىنى يۇغۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇشقا باشلىدى، بۇ، كەسىپتە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، بىز پۈتۈن ناھىيەنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».

ئىشەنچكە تولۇپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز

«ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى بىز خىزمەتتە نامايان قىلىپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى لى خەيبىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دالتۇ بازىرى باشلامچىلىق بىلەن ئوبلاست بويىچە ئورمان يېرىنى باشقۇرۇش، قوغداش فوندى تەسىس قىلىپ، دېھقانلارنى ئېكولوگىيە ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز <يەر ئارقىلىق ئورماننى بېقىش> بىلەن يېشىل تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

«ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك خىزمەت تەلەپلىرى ناھايىتى ئېنىق، بىز كەلگۈسى تەرەققىياتقا قارىتا ئىشەنچكە تولدۇق، تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن كۈچەپ ئىشلەيمىز.» قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى شاپتۇل بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خوۋ خۇڭلىن مۇنداق دېدى: كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، شاپتۇل بازىرىنىڭ شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى 71 مىڭ موغا يەتتى، «بىز كەسىپلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، شىنمېينىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ھازىرقى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يىلىغا 20 مىڭ توننا شىنمېي پىششىقلىنىدىغان كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنمېي كەسپىنى يېتىلدۈرۈپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشتىن ئىبارەت».

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى غېنى راخمان مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي يىغىن سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىپ، سۇنى ياخشى باشلايمىز، سۇنى ياخشى باشقۇرىمىز، سۇنى ياخشى ئىشلىتىمىز».

غېنى راخمان مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل 3 - ئايدا، چاقىلىق ناھىيەسى چەرچەن دەرياسىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. پىلاندىكى لايىھە بويىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا 176 كىلومېتىرلىق يەر ئاستى سۇ باشلاش تۇرۇبا يولى ياسىلىپ، چەرچەن دەرياسى قاتارلىق تۆت دەريا - ئېقىنغا ۋادى ھالقىپ سۇ يۆتكەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ رايون خاراكتېرلىك، پەسىل خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ.

تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز

ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكئاغاش يېزىسى ئەسكقۇم كەنتىدە، تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان، ھويلا - ئارانلارنىڭ جايلىشىشى رەتلىك بولۇپ، ھەممىلا يەردە ياپيېشىل دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. بۇ كەنت «دېھقان ئائىلىلىرى يەم - خەشەك تەييارلاش + ھەمكارلىق كوپىراتىپى بورداش + كارخانا دەسلەپكى پىششىقلاش»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بەرپا قىلدى.

«ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.» يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ چاڭچۈەن مۇنداق دېدى: كۆكئاغاش يېزىسى ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنتلەرنى سىجىل بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىدۇ.

تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى ئۈچ كۆۋرۈك كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ ئۈزۈم سېتىش ۋاسىتىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى. ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە گەۋدىلەندۈرۈش»نى تىلغا ئالغاندا، يۈسۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا، ناھىيە كەنتتە دائىم تۇرۇشلۇق تېخنىك ئەۋەتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ۋە ئىلمىي پەرۋىش قىلىشىغا ياردەم بەردى، ئۈزۈمنىڭ رەڭگى چىرايلىق، تەمى ياخشى، شەكلى ياخشى، ھوسۇلىمۇ يۇقىرى بولدى، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى كەنتىمىزنىڭ ئۈزۈمىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ».

«ھازىر ئىشىكىمىز ئالدىدىلا كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولدۇق، بەك قولايلىق بولۇپ كەتتى!» 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى نۇرلۇق كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇغېنى قادىر مەھەللە ئامبۇلاتورىيەسىگە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلدى، دوختۇر بىرنەچچە مىنۇتتىلا ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ دورا يېزىپ بەردى.

«بۈگۈنكى كۈندە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى شەھەر - يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە كىچىك كېسەللەرنى كەنت(مەھەللە)تىن چىقمايلا داۋالىتىش، ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيە(شەھەر)دىن چىقمايلا داۋالىتىش، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرىگە <بۇلۇتتا بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش> ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ئاتۇش شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تاڭ جىفاڭ مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي يىغىندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېڭەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، داۋالىنىش، ئەمىن ئۆي قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، بەخت مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىمىز».

(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، جەزىرە نېسىپبېك، بارشا تېگىس، رايىدە، خەن چىنيەن، دۇ جيەنخۇي، سۇڭ ياۋېن، جاڭ تىڭ، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ رۇيلىن)