ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2022年09月15日
来源:天山网
【字体:

​ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - قېتىملىق يىغىنىنى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - قېتىملىق يىغىنىنى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 35 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ 35 - قېتىملىق يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلىدۇ، ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلىدۇ، ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق مۇرەسسە نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى نىزامى (لايىھە)» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېتىز ئىھاتە ئورمىنىنى قوغداش نىزامى» «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ئالقات كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، 2021 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت قوغداش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.