​ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

日期:2022年09月15日
来源:天山网
【字体:

جاڭ چۇنلىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ بىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتى تەدبىرلىرىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ھەقىقىي ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن غۇلجا شەھىرى نەنئەن يېڭى رايونى جياخۇڭ شىئەن ئولتۇراق رايونى، خۇڭيۈەن ئولتۇراق رايونى، شېڭشى جيايۈەن ئولتۇراق رايونى، جياخې يىيۈەن ئولتۇراق رايونى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئولتۇراق رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، خېسۇەن تەكشۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خىزمەت تەرتىپىنى چىڭىتىپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش سۈپەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالىنىش، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، مۇلازىمەت، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنىڭ تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، غەم - ئەندىشىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن ئىلى جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى، ئىلى ئوبلاستى يېزا سودا گۇرۇھى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سودا كارخانىلىرىنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش، راۋانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە قەتئىي كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆكتات، گۆش تۈرلىرى، بوۋاقلار سۈت پاراشوكى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن يەنە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئەۋلىيا يېزىسى، قاش بازىرىغا كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق پەيتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، كۈزلۈك يىغىم، قىشلىق تېرىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تېز، يوشۇرۇنچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق مۇرەككەپ ئەھۋاللارغا قارىتا، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئىلمىيلىكى، دەل جايىدا بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. ئىلى ئوبلاستى، غۇلجا شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە بىر گەۋدىلەشكەن قوماندانلىق سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ۋە 12345 قىزىق لىنىيەسىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوللاش، بېجىرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش، تەكشۈرۈش ئومۇمىي تەرتىپى خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلىپىنى تېز، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشى كېرەك. سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ئۆستۈرۈش، ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيگۈزۈپ، ئىغۋا تارقىتىپ ئىش تېرىغان يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، ياخشى بولغان جەمئىيەت مۇقىملىقى مۇھىتىنى قوغداش كېرەك.