دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762»

日期:2022年09月14日
来源:天山网
【字体:

9- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 237نى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 41 (فۇجيەندە 11، گۇاڭدۇڭدا 11، شاڭخەيدە 8، يۈننەندە 5، بېيجىڭدا 2، سىچۇەندە 2، تيەنجىندە 1، چۇڭچىڭدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 5 كىشى (گۇاڭدۇڭدا 4، سىچۇەندە 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك ئاغرىق مىسالى 196 (سىچۇەندە 127، بېيجىڭدا 18، شەندۇڭدا 10، شىزاڭدا 8، ئىچكى موڭغۇلدا 7، گۇاڭشىدا 7، گۇاڭدۇڭدا 6، خۇنەندە 4، گۇيجوۋدا 3، جياڭشىدا 2، خېيلۇڭجياڭدا 1، شاڭخەيدە 1، چۇڭچىڭدا 1، شىنجاڭدا 1)، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 58 كىشى (سىچۇەندە 54، بېيجىڭدا 1، چۇڭچىڭدا 1، گۇيجوۋدا 1، شىنجاڭدا 1)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق.

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 377، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى 44، يەرلىك ئاغرىق مىسالى 333 (خەينەندە 176، گۇاڭدۇڭدا 43، سىچۇەندە 36، شىزاڭدا 28، ئىچكى موڭغۇلدا 7، چۇڭچىڭدا 7، شەنشىدە 6، خېيلۇڭجياڭدا 5، شىنجاڭدا 5، لياۋنىڭدا 4، بېيجىڭدا 3، جېجياڭدا 3، خېبېيدا 2، جياڭشىدا 2، خېنەندە 2، سەنشىدە 1، فۇجيەندە 1، شەندۇڭدا 1، چىڭخەيدە 1)؛ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 27 مىڭ 211 كىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالىدىن ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا 3ى كۆپەيدى.

چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەردىن ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 563 (ئېغىر ئاغرىق مىسالى يوق)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 23 مىڭ 169، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 22 مىڭ 606، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى يوق.

9- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 5277سى (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالى 32) بار ئىكەن، جەمئىي 237 مىڭ 54 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 5226 ئاغرىق مىسالى ئۆلگەن، جەمئىي 247 مىڭ 557 ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان، ھازىر بار بولغان گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق. يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن جەمئىي 5 مىليون 751 مىڭ 134 كىشى ئىز قوغلاپ ئېنىقلانغان، ھازىرمۇ 238 مىڭ 780 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 825نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 63، يەرلىكتىن دوكلات قىلىنغىنى 762 (گۇيجوۋدا 246، شىزاڭدا 129، سىچۇەندە 83، جياڭشىدا 55، گۇاڭشىدا 51، خېيلۇڭجياڭدا 44، شەندۇڭدا 35، شىنجاڭدا 25، خۇبېيدا 18، خېبېيدا 16، شەنشىدە 14، گەنسۇدا 13، ئىچكى موڭغۇلدا 11، لياۋنىڭدا 10، تيەنجىندە 4، چىڭخەيدە 4، گۇاڭدۇڭدا 3، خۇنەندە 1).

شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 1241، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 71، يەرلىكتىكىسى 1170 (خەينەندە 371، شىزاڭدا 276، خېيلۇڭجياڭدا 139، جياڭشىدا 51، چىڭخەيدە 48، شىنجاڭدا 48، خېبېيدا 34، شەندۇڭدا 34، گەنسۇدا 24، لياۋنىڭدا 23، خۇبېيدا 20، گۇاڭدۇڭدا 20، شەنشىدە 16، خېنەندە 14، سىچۇەندە 13، گۇاڭشىدا 7، گۇيجوۋدا 7، ئىچكى موڭغۇلدا 6، جىلىندا 5، چۇڭچىڭدا 5، جېجياڭدا 4، فۇجيەندە 2، جياڭسۇدا 1، خۇنەندە 1، بىڭتۇەندە 1)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنى 63 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 5)؛ ھازىرمۇ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 21 مىڭ 511 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 679).

جەمئىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 6 مىليون 157 مىڭ 418 ئاغرىق مىسالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 401 مىڭ 942 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 79 مىڭ 100، ئۆلگىنى 9820)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكىسى 793 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 787، ئۆلگىنى 6)، تەيۋەن رايونىدىكىسى 5 مىليون 754 مىڭ 683 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، ئۆلگىنى 10 مىڭ 329).

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى شى يىڭچۇن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى