بۈگۈن (9-ئاينىڭ 14-كۈنى) سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ

日期:2022年09月14日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق، ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش بوغدا چوققىسىنى بىر قەۋەت ئالتۇن گىرۋەك بىلەن ئورىدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) بۈگۈن (9-ئاينىڭ 14-كۈنى) تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ( ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدا 5بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 12 ~ 11 بال بوران چىقىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 9 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ. كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇش، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

بۈگۈن ئارزاق يامغۇر (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ۋۇسەيۋەندىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ مايتاغدىن ئاغۇغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ غۇلجىدىن بالغۇنتايغىچە ب ولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسى، بۇنىڭ ئىچىدە G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ شىخودىن شىخەنزىگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، G217 لىنىيەسىنىڭ مايتاغدىن بايىنغولىنغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ مۇسىدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنىڭ مىدۇڭ رايونىدىن فۇكاڭغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تاغ كەلكۈنى، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاتقا-شېغىل ئېقىنى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرى بىرقەدەر يۇقىرى. 8 بال ئەتراپىدىكى قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ يەندۇندىن كۇشۈيغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ يىڭسۇدىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى، قىسمەن رايونلاردا چاڭ -توزان ياكى قۇم-بوران كۆرۈلىدۇ؛ 8 بال ئەتراپىدىكى غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى (30 چاقىرىملىق شامال رايونى)؛ 10 بال ئەتراپىدىكى قىيپاش شىمال شامىلى (12بال ئۆتكۈنچى بوران)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى (100 چاقىرىملىق شامال رايونى).