تاماق قاچىمىز شىنجاڭ ئاشلىقىغا لىق تولدى

日期:2022年09月14日
来源:天山网
【字体:

كۆلەم ئېشىش، ئومۇمىي ھوسۇل ئېشىش، بىرلىك ھوسۇل ئېشىشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئېشىش» ئىشقا ئاشتى

تاماق قاچىمىز شىنجاڭ ئاشلىقىغا لىق تولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

بۇ يىل، شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي، دۆلەتنىڭ تاماق قاچىسىغىمۇ ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ ئاشلىقىنى تولدۇردى.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022 - يىلى شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىليون 371 مىڭ 500 مو، ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 552 مىڭ توننا، بىرلىك ھوسۇلى ھەر مو يەرنىڭ 377.16 كىلوگىرام بولۇپ، كۆلەم ئېشىش، ئومۇمىي ھوسۇل ئېشىش، بىرلىك ھوسۇل ئېشىشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۇدا كۆپ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەت مۇستەھكەملىنىپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن.

شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردىن يىراق، ئاشلىق يۆتكەپ توشۇش مۇساپىسى ئۇزۇن، تەننەرخ يۇقىرى بولغاچقا، ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى قامداشنى، تەمىناتنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئاندىن مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت بىرلىكتە مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرغاقچىلىق، يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دېھقانچىلىق پەيتىنى قولدىن بەرمەي تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئالغا سىلجىتتى، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى. شىنجاڭ «يۆتكەپ كېلىنگەن ئاشلىق»نى يەيدىغان تارىخقا تەلتۆكۈس خاتىمە بېرىپلا قالماي، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇن ۋەكىللىكىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىمۇ شىنجاڭدىن چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىقىنىڭ خاس ماركىسىنى تونۇتتى.

مەسئۇلىيەت چىڭىتىلدى، قوللاش كۈچلۈك بولدى

يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، پۈتۈن يىلدا تەشەببۇسكارلىق ساقلاندى. بۇغداي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئاشلىقى بولۇپ، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە ئاشلىق تەمىناتىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاشنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ.

بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سۇغىرىش سۈيى بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرىگە سۇ ئىشلىتىشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش پىلان - ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشلىق تېرىش چىقىمى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاشقا ئىشلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي تېرىلغۇسىغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىما سوممىسى ھەر مو يەرگە 230 يۈەندىن بېرىشكە ئۆستۈرۈلۈپ، بۇغداي ياردەم تولۇقلىمىسى بويىچە «ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس دادۇر ۋە خاسىڭ تېرىلغۇسىغا بېرىلىدىغان مەخسۇس تۈر ياردەم تولۇقلىمىسى تەسىس قىلىنىپ، دادۇر تېرىلغان ھەر مو يەرگە 300 يۈەندىن ياردەم تولۇقلىمىسى، خاسىڭ تېرىلغان ھەر مو يەرگە 500 يۈەندىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ دادۇر، خاسىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى بىردەك پىلاندىكىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، ئاشلىق، ياغ زىرائەتلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

«بۇ يىل مەن تېرىغان 250 مو يەردىكى بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 550 كىلوگىرامدىن ئاشتى، بۇ، بۇلتۇرقىدىن تەخمىنەن 100 كىلوگىرام كۆپ.» كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى غالىبىيەت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزى شەمشى مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، مەن بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، بۇغداينىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى قوش ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇم. بۇ يىل مەن تېرىغان بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 2.5 يۈەنگە يەتتى، مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىم 100 يۈەندىن كۆپرەك ئېشىپ، ھوسۇلنىمۇ، كىرىمنىمۇ ئاشۇردۇم.

ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى ئاياغلىشىپ، «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، كۆممىقوناق كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق زىرائەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى. يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون (يەرلىك) بويىچە 2 مىليون 200 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆممىقوناقنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى %90تىن ئاشقان، دادۇر، ياڭيۇ تۈرىدىكى زىرائەت قاتارلىقلارنىڭ يىغىۋېلىنىش كۆلىمى بىردەك بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولغان. ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى دىققەتنى «كۈزلۈك تېرىقچىلىقنى تۇتۇش، كۈزلۈك پەرۋىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈزلۈك يىغىمغا ئاتلىنىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈزگى بۇغداي ئۇرۇقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ۋە تېرىش ماشىنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يۆتكەش، زاپاس تەييارلاشنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشقا تەرتىپلىك تەشكىللەپ، كۈزلۈك زىرائەتلەرنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىش، كۈزگى بۇغداي تېرىيدىغان يەرلەرنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

«ئاپتونوم رايون بويىچە كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى، ئۇدا بەش يىل دۆلەتنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشتىن ئۈمىد بار.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئېتىزدىكى كۈزلۈك زىرائەتلەرگە قارىتا سۇغىرىش، ئوغۇتلاش پەرۋىشى، كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلماقتا.

تېخنىكا ئىلغارلاشتى، سورت ئەلالاشتى

بۇ يىل، ئاپتوماتلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا كارامىتىنى كۆرسەتتى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىلا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1 مىليون دانە(يۈرۈش)دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاشقا ئىشلىتىلدى. ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، تۈجۈپىلەشكەن مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى بەس - بەستە «جەڭگە ئاتلىنىپ»، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى «باش پېرسوناژ»غا ئايلاندى.

«يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 11 مىڭدىن ئارتۇق كومبايىن، 14 مىڭدىن ئارتۇق بۇغداي ئورۇش - يېيىش ماشىنىسى بۇغداينى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىشقا ئىشلىتىلىپ، بۇغداينى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %99تىن ئاشتى، ھەرقايسى جايلار قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانچىلىق پەيتىگە دەخلى يەتكۈزمەي، بۇغداينى ۋاقتىدا يىغىۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«بۇ يىل تېخىمۇ ئاز خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇم، بۇغداينىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 500 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولدى.» كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يېڭىباغ يېزىسى باش لەمپە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۈزگى بۇغداينىڭ يېڭى سورتىنى تېرىدىم، ئۆز جايىمىزدىكى تېخنىكلار ئۆيۈمگە كېلىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق پەرۋىش تەدبىرى تۈزۈشۈمگە ياردەم بەردى، ئاشلىق تېرىش قابىلىيىتىم خېلى ئۆستى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە مۇتەخەسسىس، تېخنىكا تايانچلىرىدىن تەشكىللەنگەن كۆپلىگەن نۇقتىدا تۇرۇپ دائىرىنى ھۆددىگە ئېلىش مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)كە چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنىڭ ئېتىزلارغىچە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بۇغداينىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى. شىمالىي شىنجاڭدا ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئورگانىك، مول سېلىنلىق بۇغداي قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداينى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا مىقدارنى ئاشۇرۇشتىن مىقدار، سۈپەتنى ئورتاق ئۆستۈرۈشكە قاراپ ئۆزگىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كاپالەتلەندۈرۈلۈشى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان بۇغداي تەمىنات سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى.

ئەلا سورتنى ئىلمىي پەرۋىش تەدبىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 3 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بۇغداي ئومۇمىي سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ %94تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، ھوسۇلنىڭ مۇقىم بولۇشى بىلەن بىللە، سۈپەتنىڭ ئۆسكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتقا ئايلانغان.

كەسىپ تىرەك بولدى، سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى

ئەلا سۈپەتكە تايىنىش، ياخشى باھادا سېتىش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى تېخنىكا تىرىكىگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ماركىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكە بولۇشى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدە يەنىلا كەڭ كۆلەمدە «تۆۋەن ھوسۇللۇق» ئورگانىك بۇغداي ئېتىزلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ، بۇ بۇغدايلىقلارغا خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىلمىگەچكە، دائىم ياۋا ئوت - چۆپلەر ئۆسۈپ كېتىدۇ، بەزىدە زىيانداش ھاشاراتلار ئۇچۇپ يۈرىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن يەردىكى بۇغدايلار يېتىپ قالىدۇ، ھوسۇلى ئادەتتىكى بۇغداي ھوسۇلىنىڭ يېرىمىغا ئاران يەتسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك.

«بىز پۈتۈن رايون يېشىل، قىسمەن ئورگانىك بولۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە بۇغداي كەسپىنى ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇ يىل 10 مىڭ موغا يېقىن يەرگە ئورگانىك بۇغداي تېرىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە يانداش كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» ياۋزەنزە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ پېيكې مۇنداق تونۇشتۇردى: تۆۋەنكى ئېقىندا پىششىقلاش كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ياۋزەنزە كەنتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئورگانىك بۇغداينى مۇشۇ كەنتنىڭ ئۆزىدىلا ئورگانىك ئۇن قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلىگىلى بولىدۇ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن سۈپەتنى ماركىلاشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرۇشقا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ياۋزەنزە ئورگانىك ئۇنىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ بازاردىكى پارچە سېتىلىش باھاسى 20 يۈەنگە يەتتى، بۇ، ئادەتتىكى ئۇن باھاسىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

ئورگانىك ئېتىراپنامە ئېلىپ كەلگەن يۇقىرى سۈپەت ئارقىلىق، ياۋزەنزە بۇغدىيى %50 ھوسۇل بىلەن بەش ھەسسە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق كەسپىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار شىنجاڭ ئۇنىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇن ماركا بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، ساھە جەمئىيىتى، كارخانىلار بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ «شىنجاڭ ئۇنى» رايون ماركىسىنى ياراتتى، شىنجاڭ ئاشلىق ساھە جەمئىيىتى باشلامچىلىق بىلەن «شىنجاڭ ئۇنى» كەسىپلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇردى، نۇرغۇن كارخانا «ئۆمەك تەشكىللەش» ئارقىلىق «شىنجاڭ ئۇنى» كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ياراتتى، بولكا ئۇنى، جۇۋاۋا ئۇنى، مەيشىن ئۇنى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كەسىپلەشكەن تەرەققىيات مەشغۇلاتى ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە 20 نەچچە شەھەرگە سېتىلىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلاردا مۇقىم پۇت تىرەپ تۇرماقتا.

سۈپەتنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، كەسىپلەرنىڭ تۈرتكە بولۇشى ئەڭ ئاخىرىدا ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداينى ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش باھاسىدا ئۇدا ئۈچ يىل ئۆرلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شىندۇڭ 22 - نومۇر، شىندۇڭ 18 - نومۇر قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنى سېتىۋېلىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3.2 يۈەنگە يېتىپ، ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش باھاسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىشتىن كۆپ پۇل تېپىش، كۆپ پايدا ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسى ۋە ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.