ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

日期:2022年09月14日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«ئومۇمىي يىغىندا ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەر 15 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارغا چېتىلىدۇ. بىز پۇختا ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز!» 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.

شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز

ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىلدى، يەنە نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش قاتارلىق سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى دىلشات سايىم مۇنداق بىلدۈردى: ئاقسۇ ۋىلايىتى مەۋقەنى 7 مىليون 400 مىڭ مو يەردىكى پاختا بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پاختا بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. پاختا ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سورتلارنىڭ جايلىشىشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، پاختا ھوسۇلىنىڭ 900 مىڭ توننىدىن يۇقىرى بولۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە زەنجىرنى ئۇزارتىش، گۈل بېسىش ۋە بوياشنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە زەنجىرنى تولۇقلاش، ماركىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، بازار ئارقىلىق يېتەكلەش جەھەتتە زەنجىرنى كۈچەيتىش، نېفىت خىمىيە كەسپى بىلەن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى ماس باغلانما تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە زەنجىرنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ نوقۇل پاختا خام ئەشيا يولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن كۆپ مەنبەلىك خام ئەشيا يولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆزگىرىشىنى، دەسلەپكى پىششىقلاشنى ئاساس قىلىشتىن پەن - تېخنىكا، مودا، يېشىل يۆنىلىشكە قاراپ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە ئۆزگىرىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېشىل كانچىلىق كەسىپلەر توپىنى پائال قۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بۇ، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ما ۋېنيۈنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، زامانىۋى كەسىپ يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دىققەتنى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، «شامال، يورۇقلۇق» يېڭى ئېنېرگىيەسى ھەم يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى، تىتان، ماگنىي، كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاش، كېڭەيتىش، كۈچەيتىشنى ياخشى تۇتۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى، قىممىتى يۇقىرى، ئېكولوگىيەسى دوستانە، تېخنىكىسى ئىلغار بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك بىر تۈركۈم تۈرلەر كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئەمەلىيلەشتى. قومۇل شەھىرى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەسىپ يىرىك پىلانىنى ياخشى تۇتۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

«ئومۇمىي يىغىندا 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.» خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 3 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى لى جولياڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - چېۋە كەسىپلەر توپى ھەم چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق كەسىپلەر توپىنى چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، مەنپەئەت زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاس كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

ئېچىۋېتىش داغدام يولىنى بەرپا قىلىش

ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات يۆنىلىشى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى شۆ گۈيچياڭنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن يۆلىشى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە ناھايىتى ياخشى ئاساس سالدى، كېيىنكى قەدەمدە بىز سىناق رايونىدىكى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايون قۇرۇلۇشىنى سىجىل چۆرىدەپ، يېڭى ئېنېرگىيە يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسى، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى (1 - قارار)، خەلقئارا تاشيول پورتى، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2022 - يىلى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى 3 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئىسكىلات، باجدىن خالىي ئىسكىلات، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، ئەركىن سودا رايونى قاتارلىق تۈرلۈك ئوچۇق سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. «شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ يېتەكچى كەسىپنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن نەقلەشكەن مەبلەغنى 3 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز».

قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېنچۈەن تەرەققىيات نىشانىنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭلاشقانلىقى، ئىشەنچنىڭ تېخىمۇ تولۇپ تاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. «قاراماي شەھىرى بايلىق تىپىدىكى شەھەر، يېڭىلىق يارىتىش قاراماينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا <ئىككىدە تىپ ئۆزگەرتىش>نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.» جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپى ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كەسىپلەر توپى، نافتېنلىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىكى خاس نېفىت ئايرىش خاس مەھسۇلاتلىرى ۋە كاربون ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىياللار كەسىپلەر توپى، پەرقلىق يۇقىرى دەرىجىلىك نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر توپى، بىيولوگىيەلىك ئاساستىكى خىمىيە سانائىتى ھەم ئىلغار ماتېرىيال كەسىپلەر توپىدىن ئىبارەت «تۆتتىن ئارتۇق 100 مىلياردلىق كەسىپلەر توپى»نى كۈچەپ قۇرىدۇ. زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئوچۇق ئىقتىساد قاتارلىقلارغا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇرلاپ قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، قاراماي خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش

سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە يۆتكەش - ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى گو چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى «ئۈچ قىزىل چەك» تۈزۈمى ۋە قاتتىق چەكلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش قىزىل چېكىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، سۇ ئىشلىتىش پىلانىنى ئالدىن تۈزۈپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە يۆتكەش - ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يۆتكەش - ساقلاش، دەريا - كۆللەرنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرىنى تېز بېجىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مىقدارلاشتۇرۇپ، سۇنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەش، سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، سۇنى قانۇن بويىچە ئېلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى چوڭقۇرلاپ تېجەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز.

«ئومۇمىي يىغىندا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك دەپ تەكىتلەندى، بۇ، بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.» جىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم قۇرمانجان مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئېكولوگىيەسى ياخشى ناھىيە بەرپا قىلىش» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش ۋە مۇھىت قوغداش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز.

ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شى چىڭسەن مۇنداق دېدى: «زامانىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كاپالەت قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىت قوغداشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىك، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، كەڭلىك دەرىجىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇرلاپ ياخشى قىلىپ، تاغ - دەريالارغا دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەگە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئالتاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ موتورى قىلىپ، <14 - بەش يىل>دىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز».

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، ۋېي يۇڭگۈي، جاڭ تىڭ، سۇڭ ياۋېن، دۇ جيەنخۇي، رايىدە، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جياۋ)