تەنھەرىكەت نۇرى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەش

日期:2022年09月14日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا باشلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن 15 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى جەمئىي 1752 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توققۇز نۆۋەت غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقە تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، مۇسابىقە مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، «ئىتتىپاقلىق، ئالغا بېسىش، ئىناقلىق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» باش تېما قىلىندى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكىتى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ تەن ساپاسى ئۆستۈرۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مىللىي روھ ئۇرغۇتۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇلىدۇ.

ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكىتىنى جۇلالاندۇرۇش

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا تايىنىپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ كەلدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋارىسلىق قىلىنىش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا راۋاجلاندى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىن كەلگەن، خەلقنىڭ بايرامنى تەبرىكلەش ئۆرپ - ئادەتلىرى، خەلق ئىچى مۇراسىملىرى، قائىدە - يوسۇنلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، كۆپىنچىسى ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 16 چوڭ مۇسابىقە تۈرى، 124 كىچىك تۈر ھەمدە 10 ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «تور+ تور سىرتى» بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل قوللىنىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە خاسلىقى ۋە تەنھەرىكەت سەۋىيەسى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلىرى چېنىقتۇرۇلۇپ ۋە يېتىشتۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئۈزلۈكسىز قېزىش، رەتلەش، تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، بەزىلىرى مۇسابىقە تۈرىگە ئايلانغان، بەزىلىرى ۋاقتىنچە مۇسابىقە تەشكىللەش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولۇپ، ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى شەكلىدە نامايان قىلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئارقىلىق بۇ تۈرلەر ئۈزلۈكسىز يېڭى نۇر چېچىپ جۇلالىنىدۇ.

ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بولغان مەررە توپ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە تارقالغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز قېزىش، رەتلەش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش، ماھارەتتە مۇسابىقىلىشىش ۋە تاماشا قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بۇ تۈر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى ھەم دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇنىڭ جەلپكارلىقى تونۇتۇلدى.

«ئىلگىرى، بۇ تۈرنى ئوينايدىغانلار پەقەت خوتەن ۋىلايىتىدىلا بار ئىدى، بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بارغانسېرى كۆپ كىشى بۇ تەنھەرىكەت تۈرىنى تونۇدى ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان بولدى.» بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەررە توپ تۈرىنىڭ باش رېپېرى مەتروزى ئىمىن مۇنداق دېدى: «مەررە توپنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى ئۈمىد بىلەن قارايمەن، كەلگۈسىدە چوقۇم رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە ئايلىنىدۇ».

ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كاتتا مۇراسىمى

تۆت كۈنلۈك مۇسابىقە مەزگىلىدە، 15 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر بىر مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ، مۇسابىقىلىشىش بىلەن ئويۇن كۆرسىتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «ئىتتىپاقلىق، ئالغا بېسىش، ئىناقلىق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى ۋە جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ئىزاھلايدۇ.

«بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سۇپا. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەنھەرىكەت روھىي قىياپىتىمىزنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن بولغان ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ليۇ يىيۇڭ.

«ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ گۈزەل بورتالاغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز، بىز ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئالغا بېسىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دېدى بورتالا ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مىللىيچە چەۋەندازلىق تەنھەرىكەتچىسى مۇتەللىپ مىجىت تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى دوستلارنى تەكلىپ قىلىپ.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق بولسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ، خەلق بەختلىك بولىدۇ.» بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى) لى جياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆزئارا زوقلىنىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك».

ساغلام شىنجاڭ ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ قوشۇش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىدىكى مۇھىم شەكىل ۋە مەزمۇنغا ئايلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى نۇرغۇن تۈر، مەسىلەن، تەيجى گۇمپىسى، ساغلاملىق يەل گۇمپىسى، شەكىل چىقىرىپ تەپكۈچ تېپىش، مىللىيچە چەۋەندازلىق، مىللىيچە چېلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ، چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، ئاممىنىڭ چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىشىدىكى مۇھىم شەكىل بولۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇردى.

«ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا پائال ئاتلىنىشقا، تەنتەربىيە چېنىقىشىغا پائال قاتنىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئادەتلىنىشكە يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جىسمانىي، روھىي ساپاسى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جياڭ شىسەي.

بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپىسى بار، ئۇ بولسىمۇ 2023 - يىلى خەينەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىختىساسلىقلارنى تاللاشتىن ئىبارەت. بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرىگە توغرىلىنىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان خېچيۇ توپىمۇ كېلەر يىللىق مۇسابىقە ئۈچۈن تەييارلانغان.

«بىز بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مايسىلارنى بايقاپ، كەلگۈسىدە مەملىكەتلىك مۇسابىقە مەيدانلىرىدا شىنجاڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى لى جياڭ.