ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قاتتىق، قەتئىي كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك

日期:2022年09月14日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قاتتىق، قەتئىي كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىرنى بوشاشتۇرماسلىق، خىزمەتتە بوشىشىپ قالماسلىقنى ساقلاپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى مۇقىم، ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇمدا يەنىلا ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇشقا قويۇپ، مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، بالدۇر بايقاپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆلەملىك يۇقۇم يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: نۆللەشتۈرۈش، ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. يۇقۇم بار رايونلار نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، نۇقتىلارنى باشقۇرۇپ، لىنىيەنى كۆزلەپ، دائىرىنى ياخشى تىزگىنلەپ، پاسسىپ ھالەتتىن تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۆتۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ تېز سۈرئەتتە جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىسمەن دائىرىدە نۆللەشتۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن دائىرىدە نۆللەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىش، قەتئىي كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئىلمىي، دەل جايىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، لايىھەنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن رايونلارنى ۋاقتىدا ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ ۋە ئېلان قىلىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، مەركەزلىك ئايرىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاشلىق، كۆكتاتلىرى يېتەرلىك بولۇشىغا ۋە ئۇنىڭدىن غەم قىلماسلىقىغا، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ نورمال كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاغرىپ قالسا داۋالىنالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك تېرىمنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقتىدا يىغىپ، ئوراپ قاچىلاپ، توشۇپ سېتىشقا تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك. يۇقۇم يوق رايونلار مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، كىشىلەر ئېقىمىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ «بەشكە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي ۋەزىيەت، ئومۇمىي يۈزلىنىشنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك ئىككىلەمچى خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، ليۇ سۇشې، شۆ بىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.