شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى

日期:2022年09月14日
来源:天山网
【字体:

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قارىشىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئېڭىنى كۈچەيتىش، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 12:00دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە نۇقتىلىق شەھەرلەردە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى بىرتۇتاش سىناق تەرىقىسىدە بېرىشنى بېكىتتى. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

بىرىنچى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش ۋاقتى

2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:00دىن سائەت 12:19غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى).

ئىككىنچى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش تۈرى

ئالدىن سىگنال: 36 سېكۇنت بېرىلىپ، 24 سېكۇنت توختىتىلىدۇ، ئۈچ قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى: ئالتە سېكۇنت بېرىلىپ، ئالتە سېكۇنت توختىتىلىدۇ، 15 قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

بىكار قىلىش سىگنالى: ئۇدا ئۈچ مىنۇت سىگنال بېرىلىدۇ. ھەربىر تۈردىكى سىگنالنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى بەش مىنۇت بولىدۇ.

ئۈچىنچى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش دائىرىسى

ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، بورتالا شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، ئالتاي شەھىرى.

بارلىق پۇقرالار خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى تۈرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە پىششىق بىلىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نورمال تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى