ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن تۆت ئەسەر تاللاندى!

日期:2022年09月12日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ

2022-يىللىق باش تېمىلىق نەشرىيات نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرىدىن تاللانغان 160 تېمىنى ئېلان قىلدى

شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «مېنىڭ دادام لاچىن»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «تىيانشاندا ناخشا ياڭرىدى--پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش باش تېمىسىدىكى ئەدەبىي توپلام»، شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشر قىلغان «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش . شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش يولى»، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نەشرىياتى نەشر قىلغان «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە بىڭتۇەن روھى» تاللاندى.

 «مېنىڭ دادام لاچىن»نىڭ مۇقاۋىسى.

شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەمىنلىگەن

بۇ قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەرقايسى نەشرىيات ئورۇنلىرى 2240 خىل نەشر تېمىسىنى تەشكىللەپ سۇندى، ئاخىرىدا 160 خىلى بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تالانغان كىتاب تېمىسى 140 خىل، ئۈن-سىن، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى تېمىسى 20 خىل. دۆلەت نەشرىياتچىلىق فوندىنى پىلانلاش، باشقۇرۇش ئىشخانىسى بۇ قېتىم تاللانغان نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى مەخسۇس تۈر بويىچە قوللايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەرقايسى نەشرىيات ئورۇنلىرى

نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك،

تەھرىرلەش، كوررېكتورلۇق قىلىش، بېسىش، تارقىتىش قاتارلىق ھالقىلار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆرگەزمە قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ھەرقايسى جايلاردىكى كىتاب شەھەرچىلىرى، كىتابخانىلار مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ،

نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىشى، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشى كېرەك.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب سېتىۋېلىشىغا ئېتىبار بېرىپ،

كۆپ خىل شەكىلدىكى كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ،

مۇناسىپ تېمىدىكى نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

لاچىن بايەكە شىنجاڭ قونجىراپ چېگرا لىنىيەسىنى چارلاش يولىدا (2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لى شياڭ فوتوسى، ماتېرىيال سۈرەت)

  «مېنىڭ دادام لاچىن»دا دەۋر نەمۇنىچىسى لاچىن بايەكەنىڭ قىزى دۇرخان لاچىننىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ، دادىسىنىڭ قالتىس ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، بۇ يەنە بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى قوغداش كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، لاچىن بايەكەنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كاچكۇلغا سەكرەپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان.

  «تاغقا تۇتىشىدىغان ئاشۇ تۈپتۈز كىچىك يولدا تۇرغىنىمدا، دادام قالدۇرغان بارلىق ئەسلىمىلەر قەدەممۇقەدەم ماڭا يېقىنلاپ كېلىدۇ... مېنى ئاشۇ قان تومۇرلىرىمدىكى مەخپىي شىفىرنى ئىزدەشكە دەۋەت قىلىدۇ...» بۇ كىتابنىڭ يازغۇچىسى جاۋ چىڭياڭ ئىنچىكە، ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن قىزىنىڭ دادىسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىنىڭ تىزناپ كەنتىدە لاچىن بايەكەنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى يېزىش جەريانىنى جاۋ چىڭياڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئەسلىمە دەپ قارىدى. تۆت قېتىملىق زىيارەت داۋامىدا، دۇرخان ئۇنىڭغا لاچىن بايەكەنىڭ دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن قەلبىدىكى ئەڭ ھېسسىياتلىق تەرىپىنى بايان قىلىپ بەردى، مەسىلەن، چېگرانى چارلايدىغان ھەمراھى ئاق قوتازدىن ئايرىلىپ قېلىش لاچىن بايەكەنى بەك ئازابلىغانىدى، ئۇ، دۇرخاننىڭ تۇنجى قېتىم دادىسىنىڭ شۇنچىلىك ئازابلىنىپ يىغلىغانلىقىنى كۆرۈشى ئىدى.

  دادىسىدىن ئايرىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش جەريانى يەنە دۇرخاننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى بولۇپ، بۇ ئۇنى ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك تەپەككۇر قىلىش ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغانىدى. «مەن قايغۇ-ھەسرەتتىن شۇڭغۇپ چىقتىم، قەلبىمدە ئۇنىڭغا ئوخشاش پاك، قەيسەر پامىر بۈركۈتىنى يېتىلدۈرىمەن» بۇ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن دۇرخاننىڭ قەلب سۆزى ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى