ئاپتونوم رايون قازاقىستاننىڭ تۆت ئوبلاستى بىلەن دوستانە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ھەم دوستانە شەھەر بولۇش مۇددىئانامىسى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

日期:2022年09月10日
来源:天山网
【字体:

​ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۇنلىن پائالىيەتكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى، يەتتەسۇ ئوبلاستى، ئاباي ئوبلاستى، ئالمائاتا ئوبلاستى بىلەن سىنلىق شەكىلدە «شىنجاڭ ياخشى ھەمراھ» دوستانە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم دوستانە ئاپتونوم رايون - ئوبلاست مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ تۆت ئوبلاستى ياخشى دوست، ياخشى قوشنا. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قازاقىستاندىكى تۆت ئوبلاست بىلەن پۇختا ھەمكارلىق ئاساسى بار. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنا - ئۈسكۈنە، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە يېشىل، رەقەملىك، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ساياھەت، سەھىيە قاتارلىق ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىلى»نى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى ئەخمەتوۋ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى. شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى قازاقىستان - جۇڭگو سودىسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق يېڭى يوللىرىنى ئېچىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئىلىم - پەن، سەھىيە، ساياھەت، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ.

يەتتەسۇ ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى ئوۋتېسكوبايېۋ مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. يەتتەسۇ ئوبلاستى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ قېتىمقى دوستانە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى بىزنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىزگە يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بېرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى سۆھبەت يىغىنى، يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئاباي ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى ئۇلانغايېۋ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاباي ئوبلاستىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاباي ئوبلاستى قازاقىستان - جۇڭگو سودىسىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تولۇق ئۈمىد باغلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ بايلىق، ئېنېرگىيە، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، تارىخىي مەدەنىيەت قاتارلىق ئەۋزەل ئالاھىدىلىكلىرىگە تايىنىپ، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالمائاتا ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى سۇلتانغازىيېۋ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستاندىكى تۆت ئوبلاست بىلەن دوستانە ئاپتونوم رايون - ئوبلاست مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىغانلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشى، ئىككى تەرەپ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. 30 يىلدىن بۇيان، ئالمائاتا ئوبلاستى بىلەن جۇڭگونىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەل ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ئېشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭغا ۋاكالىتەن قازاقىستاندىكى تۆت ئوبلاست بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا دوستانە ئاپتونوم رايون - ئوبلاست مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. مۇددىئانامىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، داۋالاش - سەھىيە، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ، قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرېشېف سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، جۇڭگونىڭ قازاقىستان ئالمائاتا باش كونسۇلخانىسىدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جياڭ ۋېي قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.