سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

日期:2022年09月10日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون يىغىن ئېچىپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ھەم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت كۈچلۈك رايونى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 8 - قېتىملىق يىغىنى ھەم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 10 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەت ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، دۆلەتنىڭ سۈپەت ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باھالاش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش مەسىلىسى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، «شىنجاڭ سۈپىتى» رايون ئاممىۋى ماركا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ باھالىشىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىگە قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرى، مال دوختۇرلۇق دورىلىرى قالدۇقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى قەتئىي توسۇپ، يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان ئاشلىقنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توردا تاماق زاكاز قىلىش، مەكتەپتىكى يېمەكلىكلەرنى، يېزىدىكى يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنى قاتتىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەللىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم «شىنجاڭ» ماركىسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، مۇنەۋۋەر كارخانا ۋە ئېسىل ماركىلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى مەركەزلىك ئاشكارىلاش كېرەك. مىقدار، ئۆلچەم، ئىسپات بېرىش - ئېتىراپ قىلىش، تەكشۈرۈپ سىناش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قاتارلىق سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىي تاپقان رايونلار، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۈپەت تەتقىقاتى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ماركا قۇرۇلۇشى، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قاتارلىق خىزمەتلەردىكى تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «يېڭى مەھسۇلات قۇرۇلۇشى»نى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ماركا يارىتىشنى قوللاش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنى ئىسپات بېرىش بويىچە پائال ئىلتىماس قىلىشقا يېتەكلەپ، «شىنجاڭ سۈپىتى» رايون ئاممىۋى ماركىسى يارىتىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېمەكلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، «دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى بەرپا قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەر ناھىيەسى بەرپا قىلىش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، جارۇللا ھېسامىدىن، مەڭلىك سىيىت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.