پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن قويۇق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش كېرەك

日期:2022年09月10日
来源:天山网
【字体:

مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن قويۇق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى چۆرىدىلىپ، يېقىنقى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېچىلىدىغان مۇھىم يىغىن، مۇھىم، زور پائالىيەتلەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، خەۋەر قىلىش خىزمىتى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر ئايدىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ يېڭىپ، باشتىن - ئاخىر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ نوپۇزلۇقلۇقىنى ۋە تەسىر كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور باش تېما تەشۋىقاتى، ئىقتىسادىي تەشۋىقات - خەۋەر قىلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشۋىقاتى ئارقىلىق يېتەكلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىشنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش ئاچقۇچلۇق، كۈچەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ تېما ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مۇۋەپپەقىيەت توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى باش تېما خەۋەرلىرىگە سىڭدۈرۈپ، خەۋەر خام ماتېرىياللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، خەۋەر قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سالمىقى، سۈپىتى، تەسىرى بار ماقالە ۋە پىروگراممىلارنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى داۋاملىق چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، بايان قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى خەۋەر قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئىز بېسىپ خەۋەر قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ياخشى روھىي قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش كېرەك، مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ سۇپا ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تىپىك ئىشلارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن قويۇق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقاتنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق قانات يايدۇرۇپ، ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى، تاراتقۇ ئورۇنلىرى تۈرلۈك تەشۋىقات، خەۋەر قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور تەشۋىقات تېمىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، ئاممىۋى پىكىر بازىسىنى باشقۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

يىغىندا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.