ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

日期:2022年09月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى جەمئىي 122 مىليارد 310 مىليون يۈەن تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 17 مىليارد 800 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.03 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ باج كىرىمى بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلاپ، جەمئىي 82 مىليارد 200 مىليون يۈەن تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق بېجى كىرىمى 12 مىليارد 420 مىليون يۈەن تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90.2 ئاشقان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قومۇل شەھىرى قاتارلىق كۆمۈر بايلىقى توپلانغان رايونلارنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %60تىن يۇقىرى بولغان، كۆپ قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە، باج تارماقلىرى مەركەزنىڭ زور كۆلەملىك قوشۇلما قىممەت بېجىدىن باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش قاتارلىق بىرىكمە شەكىلدىكى باج - ھەق جەھەتتىكى قوللاش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇشنى بېجىرىش سۈرئىتىنى سىجىل تېزلىتىپ، زور كۆلەملىك قوشۇلما قىممەت بېجىدىن باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇشنى بېجىرىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلدى. 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە، باج تارماقلىرى جەمئىي 44 مىڭ كارخانىغا باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش مەبلىغىدىن 46 مىليارد 780 مىليون يۈەن قايتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، يوشۇرۇن باج مەنبەسى ۋە كېيىنكى باج مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن زاپاس كۈچ توپلىدى.

باجدىن باشقا كىرىم جەھەتتە، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ باجدىن باشقا كىرىمى جەمئىي 40 مىليارد 110 مىليون يۈەن تاماملىنىپ، %24.8 ئاشتى. باجدىن باشقا كىرىم قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بايلىق، مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى مەخسۇس كىرىمى، مۈلۈك بىر تەرەپ قىلىش كىرىمى، يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇش يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش ھەققى كىرىمى ۋە سۇ بايلىقى ھەققى كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ 5.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مالىيە كىرىمى تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ چىقىمنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى «ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قىممەتلىك مالىيە بايلىقىنى ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاساسىي قاتلام مالىيە كۈچىگە ئىشلەتتى. 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشىغا قىلغان چىقىم 284 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 12 مىليارد 270 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %74.4ىنى ئىگىلىدى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتى داۋاملىق ياخشى ئىشلەنمەكتە.