​مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى

日期:2022年09月10日
来源:天山网
【字体:

بىر جايغا بىر تەدبىر، بىر جايغا بىر تىزىملىك

​مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق تارماقلىرى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى دائىرە بويىچە ھۆددىگە بېرىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش، ھەپتىلىك دوكلات قىلىش، ئايلىق كېڭىشىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇش، بىر جايدا بىر تەدبىر، بىر جايدا بىر تىزىملىك بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر ۋە مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى توققۇز مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، كۈچ تەشكىللەپ مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئىش ئورنى بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 15 مىليارد 566 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، يىللىق پىلاننىڭ %61.64ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ مىڭقات جىلغىسى، يۇرۇڭقاش، قورغان قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 5 مىليارد 572 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، يىللىق پىلاننىڭ %61.43ىنى ئىگىلىدى.

سۇچىلىق نازارىتى نۇقتىدىن نۇقتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، كېڭىشىشنى دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇۋاتقان مۇھىم، زور، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر جايدا بىر تەدبىر، بىر جايدا بىر تىزىملىك بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خىزمەت ئەسكەرتىش خېتى، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خېتىنى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى(مەمۇرىي مەھكىمىلەر)گە ئەۋەتىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى كۈچەيتىپ، تۈر قانۇنىي ئىگىلىرى ۋە قۇرۇلۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. قۇرۇلۇۋاتقان مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش بىردەك ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلماقتا. 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ كەلكۈن باشلاش ھەم كەلكۈن لاتقىسىنى ئېقىتىش سۈڭگۈچى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇشتا سۇ توسۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئىش ئورۇنلىرىدا يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، قۇرۇلۇش پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 923 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، يىللىق پىلاننىڭ %71ىنى ئىگىلىدى؛ يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 740 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، يىللىق پىلاننىڭ %70.5ىنى ئىگىلىدى.